ئامېرىكا دوۋيىڭنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىڭ ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتېتىنىڭ (Committee on Foreign Investment in the United States) دوۋيىننىڭ باش شىركىتى بولغان بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتىنىڭ (北京字节跳动公司) 2017-يىلى «Musical.ly» دېگەن ئەپنى قوشۇۋېلىشىغا ئائىت تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى، بىر نەچچە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ دوۋيىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا پارلامېنت ئەزاسى ماركو روبىيومۇ بېيجىڭنىڭ دوۋيىندىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىشىنىڭ ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتى «Musical.ly»نى سېتىۋېلىپ، دوۋيىننىڭ خەلقئارا نۇسخىسى تىك توك (TikTok) بىلەن بىرلەشتۈرگەن.