چاقماق خەۋەر

مەدەنىيەتتىن زۇلۇمغا: قەشقەرنىڭ ھېكايىسى

مەدەنىيەتتىن زۇلۇمغا: قەشقەرنىڭ ھېكايىسى

ھىلمى دېمىر

(2019.06.29)

ئىسلامنىڭ ئەڭ قايغۇلۇق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قەبرە تېشى باغداتتا ئامالسىزلىقتىن پىغان چەكمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پەرىشتىلەرنىڭ قانىتى ئاستىدىكى شەھەر» دەپ تەرىپلىگەن شام قايغۇ-ھەسرىتى سەۋەبلىك بىزلەرگە سالاممۇ قىلمايۋاتىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي ئىنسانلارغا ئىلىم-ئىرپان ئۆگەتكەن قەشقەر شەھرىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى 1944-يىلىنى قايتا باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلق ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى يا قېرىنداش مىللەتلەرگە، يا دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ.

قەشقەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ يۈكسىلىۋاتقان يۇلتۇزى،پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىنى قۇرغان قۇتلۇق شەھەر ئەمدىلىكتە بولسا خىتاينىڭ چوڭ شەھەر قۇرۇش پىلانلىرى بىلەن بېتون شەھەر ھالىتىگە كەلدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى بولسا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇن ئىدىيەلىكلەر بىلەن كۈرەش» نامىدا قۇرۇلغان ناتسىست لاگېرلىرىغا «تەربىيەلىنىپ داۋالىنىش» ئۈچۈن سولاندى. دائىش سۇرىيەدىكى تۈرك-ئىسلام ئەسەرلىرىنى ۋەيران قىلدى، خىتاي بولسا «ئاشقۇن ئىدىيە بىلەن كۈرەش» دىگەن نامدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئىسلامنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرمەكتە.

مەسىلەن: تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇش شەھىرىدىكى مەركىزىي جامەنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇققانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. كاشكى، خىتاي بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن تىزىملىكىنى چىقىرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغان بولسا، بىزمۇ بۇ قىلىنغان خەۋەر ۋە كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ قايسىسىنىڭ راست، قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلەلىگەن بولساق.

يۇقىردىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن سىلەرنى قەشقەرگە بىر «ساياھەت» قىلغۇزغۇم بار. بۇ، كۈنىمىزدە تېررورىزىم بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخىي مىراسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.

 

بىر ۋاقىتلاردا ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭمۇ پايتەختى بولغانىدى. «قەشقەر» سۆزى «ئوردا شەھىرى» مەنىسىدە بولۇپ، پادىشاھ ئۇ يەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بېرىلگەن. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە تارىختىن بېرى كۆپلىگەن ئالىملار ياشىغانىدى. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇد كاشىغەرىينى كىممۇ تونۇمىسۇن؟! 1008-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان مەھمۇد كاشىغەرىي 1072-1073 يىللىرىدا يازغان داڭلىق ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئابباسىيلار خەلىپىسىگە سوۋغا قىلغانىدى.

ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىختا ئۇنتۇلغان بىر مەدەنىيەتتۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئىلمى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلىمەس بولدۇق. ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەسلىدە ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇق؟

قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك قەۋملىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، «تۈرك–ئىسلام مەدەنىيىتى» نامى بېرىلگەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. قەشقەر شەھىرى بولسا بۇ يېڭى مەدەنىيەتنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، تارىخ بەتلىرىگە يېزىلدى. تارىخچىلار قەشقەرنى «ئىسلام دىيارى»، «ئەۋلىيالار يۇرتى»، «مەشھۇر شەخس ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسانلارنىڭ ماكانى» دېگەندەك ناملار بىلەن سۈپەتلىدى.

قاراخانىيلار دەۋرىدە «ئىككىنچى بۇخارا» دەپ ئاتالغان قەشقەر شەھىرىدە باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى مەدرىسلەر قۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سەلچۇقلار زامانىدىكى مەدرىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدرىس قۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قۇرۇلدى دېيىش ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ. مەسىلەن: «خانلىق مەدرىسى»، «ھېيتگاھ مەدرىسى»، «ئوردا ئالدى مەدرىسى»، «ۋاڭلىق مەدرىسى»، «چارسۇ مەدرىسى» ۋە «مېۋە بازىرى مەدرىسى» قاتارلىقلار داڭلىق مەدرىسلەردۇر. بۇلاردىن باشقا، قەشقەردىكى داڭلىق ئالىي مائارىپ مەركىزى بولغان «ساچىيە مەدرىسى»، «ھەمىدىيە مەدرىسى» ۋە «مەھمۇدىيە مەدرىسى» پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، تۈرك–ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىنماقتا.

كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللەردىمۇ ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەدرىسلەرگە كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ مەدرىسلەردە يەنە ھۈسەيىن بىن خالەف، سەيىد جالالىددىن باغدادىي، خوجا ياقۇپ سۈزۈكىي، ھۈسەيىن فەيزۇللاھ،جامالىدىن كاشىغەرىي، رەشىدە بىن ئەلى كاشىغەرىي ۋە ئىمادۇدىن كاشىغەرىي دېگەندەك شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق ئالىملىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىدى. ئەبۇ ناسىر سامانىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئاتۇش شەھىرىدە تۇنجى مەدرىسنى قۇرغان كىشى ئىدى.

ھۈسەيىن بىن خالەف ئەل كاشىغەرىي بولسا مەھمۇد كاشىغەرىي تۈركىي تىللار دىۋانىدا «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ باغداتتىن قايتقاندىن كېيىن «مەھمۇدىيە مەدرىسى»دە سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانماقتا. ئۇنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ مەدرىسنىڭ ئىچىدە. ماتېماتىكا، پەلسەپە، تىل ئىلمى، ئاسترونومىيە،تېبابەت، لوگىكا،تارىخ ۋە جۇغراپىيە دېگەندەك دەرسلەرمۇ تەپسىر ۋە قىرائەت ئىلمى دىگەنگە ئوخشاش ئىسلامىي دەرسلەر بىلەن بىللە بۇ مەدرىسنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا مەۋجۇت ئىدى. بۇ مەدرىسلەر بىلەن باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىسى ئارىسىدىكى پەرق بولسا، بۇ مەدرىستە ئاسترونومىيە، تېبابەت، لوگىكا، تارىخ ۋە جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەرنىڭ بار بولۇشىدۇر.

قەشقەردىكى «مەسئۇد كۇتۇپخانىسى»دا غەربتە ۋە شەرقتە يېتىشكەن دۇنياغا داڭلىق ئالىملارنىڭ يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى خەلقنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغانىدى. شۇڭا قەشقەر 840-1212 يىللىرى ئارىسىدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، تۈرك–ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى ھالىتىگە كەلگەنىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەر ۋە شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن پەقەت مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان بىر رايونلا ئەمەس، بەلكى تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم دۇنيايىمىزنىڭ يۈرىكى ھىسابلىنىدۇ. كۆيدۈرۈلگەن ياكى يوقىتىلغان ھەربىر ئەسەر بىزنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزلىرىمىزغا ئۇرۇلغان بىر زەربە ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرلەر پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا تەۋە ئەمەس. ئۇ يەردە كۆيدۈرۈلگەن ۋە يوقىتىلغان بارلىق ئەسەرلەر پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا تەۋەدۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى سۈكۈت قىلماقتا.

خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئالدىمىزدىكى 50 يىلنى شەكىللەندۈرمەكچى ۋە ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىي بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بىر-بىرىگە باغلىماقچى. تەخمىنەن بىر تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ ۋە ئۈچ مىلياردىن ئارتۇق نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پىلانغا 65 دۆلەت ئەزا بولدى. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پىلاننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان تۈركلەرگە ۋە تۈرك–ئىسلام مەدەنىيىتىگە زۇلۇم قىلىپ تۇرۇپ داۋام قىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىشى چوڭ بىر تەلەيسىزلىكتۇر.

ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت گېئوپولىتىكىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى يىپەك يولى پىلانى ئۈچۈن بىر كۈچكە ئايلاندۇرالايتتى. ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان بۇ پىلان كاشكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ۋە قىممەت قاراشلارنىمۇ بىر-بىرىگە باغلىيالىغان بولسا ئىدى. شۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن بۇ پىلان بىر ئۈمىد ۋە يېڭى دۇنيا قۇرۇشتا تىنچلىقنىڭ ئاۋازى بولالىغان بولار ئىدى. ئەمما خىتاي غايەت زور دۇنيا كاپىتالىزمىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىدا، ئەڭ ئاۋۋال «تېررورلۇق بىلەن كۈرەش» دېگەن نام بىلەن دۆلىتىدىكى تۈركلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ۋە تۈرك–ئىسلام قىممەت قاراشلىرىنى يوقىتىشنى تاللىدى.

خىتاي بۇلارنى قىلىش جەريانىدا يەنە تولىمۇ «خىيالىي» بولغان ئۆزىنى ئاقلاش ئىستراتېگىيەسى قوللىنىۋاتىدۇ. يەنى دائىم مەخسۇس ئادەملىرىنى يوللاپ، زۇلۇم توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن قىلىۋاتقانلىقىنى، دىنىي جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە. بەزى تۈركچە خىتاي تەرەپتارى مىدىيالار بولسا ئوخشاش يالغانچىلىقنى تەشۋىق قىلماقتا. تېخنىكا گىگانتى خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرى كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا. يەنى خىتاي ئەڭ كونا ئۇسۇلدا «مەن سۆزلەي، سىلەر ئاڭلاڭلار ۋە ئاڭلىغىنىڭلارغا ئىشىنىڭلار» دەيدۇ. دۇنيا دائىم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، چەكلىمىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشىنى توسۇپ قالالمايۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق بىر دۇنيادا تېخىمۇ پىشقان بولىشىنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنى ئۆزى ئويدۇرغان يالغانچىلىقلىرى بىلەن توغرىلاۋاتقاندەك.

غەربلىكلەرنىڭ دائىم ئېيتىدىغان «خىتايلار دۇنيادىكى كۆپلىگەن تېخنىكىنى كۆپەيتەلىشى، ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا رەھبىرى بولالىشى مۇمكىن. ئەمما ئاخىرىدا دۇنياغا مەدەنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئېيتقۇدەك ھېچقانداق ھېكايىسى يوق» دېگەندەك تەنقىدلىرى توغرا چىقماقتا. ئىنسانىيلىق، قىممەت قاراش، تىنچلىق، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش... دېگەندەك تېمىلاردا خىتاي قانداق ۋەدىلەرنى بېرەلەيدۇ؟ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھېچنىمىنى.

ئەگەر خىتاي بۇنىڭ قارشىسىنى تەشەببۇس قىلسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ دېپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەسىلىسى راستىنلا تېرورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن كۈرەش قىلىش بولسا، ئۇلارغا تۈرك بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن 911 كىلومىتىر چېگراسى بولغان سۇرىيەدىكى دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان كۈرەشلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ياردەم قىلالايدۇ دەپ قارايمەن. كىشىلەرنىڭ دىنلىرىنى، ئېتىقادلىرىنى چەكلىمەستىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلماستىن، تېررورچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش تامامەن مۇمكىن بىر ئىش. بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى قانىتىش بەدىلىگە خىتاي «بىر بەلباغ،بىر يول» پىلانى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قورشاۋغا ئالالارمۇ؟ مەن ئۇنداق قىلالىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.

بۇ خەۋەر 153 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق