چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (8)

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

(8)

دوستنى باشقا كۈن چۈشكەندە سىنا.

دوستنى دۈشمەن قىلار ئاداۋەت، ئادەمنى ھۇرۇن قىلار قانائەت.

دوستنىڭ ئاتقان تېشى باش يارماس.

دوستنىڭ ھېسابى كۆڭۈلدە.

دوستۇڭ بىلەن يولداش بول، ھەر ئىشىغا قولداش بول.

دوستۇڭ جاپا سالسا، يىغلاشنى بىل، دۈشمىنىڭ جاپا سالسا، چىداشنى بىل.

دوستۇڭدىن دەردىڭنى يوشۇرساڭ، دۈشمىنىڭ خۇشال بولۇر.

دوستۇڭغا بالا كەلسە، ئۆزۈڭنى چەتكە ئالما.

دوستۇڭغا جاپا قىلما، دۈشمەنگە ۋاپا قىلما.

دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولۇر.

دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.

دوستۇڭ كۆپ بولسا، ئەقلىڭ كۆپ بولۇر.

دوستۇڭ كۆپىيەر قولۇڭغا پۇل چۈشكەندە، ھەقىقىيسى بىلىنەر بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە.

دوستۇڭنى سىنىماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ بىلەن سەپەرگە چىق.

دوستۇڭنىڭ بايلىقىدىن ئۆزۈڭنىڭ قەلەندەرلىكى ياخشى.

دوستۇڭنىڭ پوقى پۇرىماس.

دوستۇڭ ياردەم سورىسا ئەتىگە قويما.

دوستىدىن ئەيىب ئىزدىگەن دوستسىز قالار.

دوستى يوقنىڭ ھۆرمىتى يوق.

دوكنى گۆر ئوڭشايدۇ، گومۇشنى خوتۇن ئوڭشايدۇ.

دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز ئادەم قاتاردا يوق.

دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم. (دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.)

دۈشمەنگە باش ئەگسەڭ دەسسەيدۇ، دوستۇڭغا قول سۇنساڭ ئەسلەيدۇ.

دۈشمەنگە سەپەرداش بولساڭ، ئايپالتاڭ قوينۇڭدا بولسۇن.

دۈشمەنگە قالغان شەھەر ئىپپىتىنى يوقاتقان قىز.

دۈشمەنلىك بولۇشتىن قورقما، دۈشمەنسىز بولۇشتىن قورق.

دۈشمىنىڭگە خىرىس بول، مىللىتىڭگە ھېرىس بول.

دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق.

راست سۆزنىڭ خىجالىتى يوق.

راست سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە يالغان سۆز داۋان ئېشىپتۇ.

راستقا يالغاننى قاتما، ئابرۇيىڭنى پۇلغا ساتما.

راست گەپ ئاڭلاي دېسەڭ، كىچىك بالا بىلەن مۇڭداش.

راست گەپكە تۆھمەت جىق، يالغانغا خوش-خوش جىق.

راست گەپنىڭ تاتلىقى ئاز، يالغان گەپنىڭ ئاچچىقى ئاز.

راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز.

راست ئېيتساڭ قۇتۇلىسەن، يالغان ئېيتساڭ تۇتۇلىسەن.

روزىنى سەن تۇت، ھېيتنى مەن ئويناي.

روھى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ يۈگۈرەلمەيدۇ.

زالىمنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئالىمنىڭ قۇلى بول.

زامان ئەخمەقنىڭ قولىغا قالسا، نادانغا ئامراق بولۇر.

زامان بۇزۇلسا، ئاتتىن ئېشەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

زامان تۈزەلسە، يامان تۈزۈلىدۇ.

زاماندىن ئاغرىنماي ئۆزۈڭدىن ئاغرىن.

زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق.

زورلاپ يېگەن تاماق زەھەر بولۇر.

زورلۇق بىلەن «ھۆرمەت» تاپساڭ، خورلۇق بىلەن ئۆلىسەن.

زۇلۇم ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ تۈڭلۈكتىن قاچار.

زېمىننى كېپەككە ئال، قوشنىنى ئالتۇنغا ئال.

زىرائەت تېرىمىسا ئۈنمەس، ئادەم ئۆگەنمىسە بىلمەس.

زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، بالا كىچىكىدىن مەلۇم.

زىيادە دۆلەت باش يارماس.

ساداقەت مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى، ۋىجدان مۇھەببەتنىڭ يۈرىكى.

ساراڭ ئەقىل تاپسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىدۇ.

ساغلام بولاي دېسەڭ ھەرىكەت قىل، مول ھوسۇل ئالاي دېسەڭ مېھنەت قىل.

ساق بولاي دېسەڭ گېلىڭنى يىغ، تىنچ بولاي دېسەڭ تىلىڭنى يىغ.

ساما ناغرا بىلەن، قېتىق زاغرا بىلەن.

سا ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ، سايىسى يەرگە چۈشەر.

سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپ كۆرگەن مول بىلەر.

سەدىقە بالانى يەر، تۆۋە گۇناھنى.

سەركە ئەقىللىق بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.

سەركەردە پەملىك بولسا، ئەسكەرلىرى باتۇر بولار.

سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇ.

«سەن» دېسە، «سىز» دە، تاشلىسا ئىزدە.

سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

سەن مېنى كىشى دېسەڭ، يانچۇقۇمدا كىشمىشىم، سەن مېنى كىشى دېمىسەڭ، سېنىڭ بىلەن نېمە ئىشىم.

سەھەر تۇرۇپ قوشناڭغا باق.

سەھرادا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.

سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پۈتەر.

سودىگەرگە بوش كۆرۈندۈڭ، يەيدىغان گۆش كۆرۈندۈڭ.

سوراپ-سوراپ بىلىم ئاپتۇ، ئويلاپ-ئويلاپ كېيىن قاپتۇ.

سوراپ-سوراپ ئىلىم ئاپتۇ، ئىزا تارتىپ كېيىن قاپتۇ.

سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئوينا-ئوينا كېيىن قاپتۇ.

سوقۇشتا قورققان خوراز چىللاشتىن قالار.

سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا چاققان ئەزىز.

سۇ بىلەن زېمىن ياشنار، بىلىم بىلەن ئەل ياشنار.

سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس.

سۇ دېھقاننىڭ قېنى، يەر دېھقاننىڭ جېنى.

سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.

سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.

سۇنغان ئەينەك تۈزەلسىمۇ، سۇنغان كۆڭۈل تۈزەلمەس.

سۇنى بىلمەي سەكرىسەڭ، تۇنجۇقۇپ ئۆلەرسەن.

سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، سۆزنى قىل سىغار يەرگە.

سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما.

سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلەر، سۆز ئۇلغايسا جېدەل كۆتۈرۈلەر.

كىشىنىڭ تامىقىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرار، سوۋغىسىنى ئالساڭ قولۇڭ قىسقىرار.

كىشىگە قەست قىلغان ئۆزىنى پەست قىلار.

كىشىگە ئورا كولىساڭ، ئۆزۈڭ چۈشىسەن.

كىشىگە يېلىنساڭ، ئۆزۈڭنى خار قىلىسەن.

كىشىلەرگە نەرسە بەرسەڭ، ئارقىسىدىن مىننەت قىلما.

كىشىنى بىلگەن ئاقىل، ئۆزىنى بىلگەن دانا.

كىشىنىڭ ئەيىبى تۆگىدەك بولسىمۇ، كۆرمەسكە سال.

كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان خۇدانىڭ دۈشمىنى.

كىشىنىڭ ئەيىبىنى ساڭا دېگەن كىشى، سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا دەر.

كىشىنىڭ ئەيىبىنى سۆزلىمەي، ياخشىلىقىنى سۆزلە.

كىشىنىڭ تامىقىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرار، سوۋغىسىنى ئالساڭ قولۇڭ قىسقىرار.

كىشىنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇغىلى بولماس.

كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ.

بۇ خەۋەر 249 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق