چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (7)

 

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

 

(7)

 

 

 

 

 

 

 

چاشقان كۆپەيسە، مۈشۈكنىڭ بازىرى چىقار.

 

چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە يېتىپتۇ.

 

چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەر.

 

چاشقاننىڭ ئېشىدا مۈشۈك مېھمان بوپتۇ.

 

چاشقاننى ھارۋىغا قاتساڭ، تۆشۈككە تارتىپتۇ.

 

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى.

 

چاقىرسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار.

 

چاقىرغان مېھمان بالايى مېھمان، ئۆزى كەلگەن مېھمان خۇدايى مېھمان.

 

چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما.

 

چاقىرمىغان يەرگە بارغۇچە، تاياق ئېلىپ قويۇڭنى باق.

 

چالا پىشقان تاۋۇزنىڭ شاپىقى كۆپ، تولا ئىچكەن شارابنىڭ چاتىقى كۆپ.

 

چالما دائىم مېۋىلىك دەرەخكە ئېتىلىدۇ.

 

چاياندىن ئىلتىپات كۈتمە، زالىمدىن شەپقەت.

 

چاينىمىغان ئاشنىڭ لەززىتى يوق، چاقىرمىغان مېھماننىڭ ئىززىتى يوق.

 

چەكچەيگەن كۆزدە ئەقىل ئاز.

 

چەينەك پىيالىگە ئېگىلسە، پىيالە ئېغىزغا ئېگىلەر.

 

چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك قوڭىنى ئېچىپتۇ.

 

چوڭ قوغۇننىڭ تىلىمى كۆپ، كۆپ ئوقۇغاننىڭ بىلىمى كۆپ.

 

چولاقنىڭ دەردىنى قولى سۇنغان بىلەر.

 

چۈجىنى كۈزدە ساناڭ، چۆچۈرىنى پىشقاندا.

 

چۈشكىچە ئۆمرۈڭ بولسا، شۇنىڭغىچە ئوقەت قىل.

 

چۈشۈڭگە ئىشەنسەڭ نامرات بولارسەن، ئىشىڭغا ئىشەنسەڭ روناق تاپارسەن.

 

چۈمۈلە بىرلەشسە شىرنىڭ تېرىسىنى يۇلۇۋالار.

 

چېچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا.

 

چېچەن يىگىت يىلاننىڭ كۆشىگەننى تۇيار.

 

چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، ھۇرۇننىڭ باھانىسى تولا.

 

چىراغدا ياغ كۆپ بولسا پىلىك ئاز كېتىدۇ، دەسمايەڭ كۆپ بولسا شېرىك ئاز كېتىدۇ.

 

چىراغنى پۈۋلىسەڭ، ساقىلىڭ كۆيەر.

 

چىرايىڭنى ئەينەكتىن بىل، ئابرۇيىڭنى خەلقتىن بىل.

 

چىرىغىڭ ئۆچسە ئۆچسۇن، ئاتاڭنىڭ روھى ئۆچمىسۇن.

 

چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.

 

چىش دورىسى ئامبۇر، ئۆپكە دورىسى چامغۇر.

 

چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى يىغ، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت.

 

چىشىڭنى سەدەپلىك قىلغۇچە، ئىشىڭنى ئەدەبلىك قىل.

 

چىشىم سۇنمىسۇن دېسەڭ، تىلىڭنى تۈز تۇت.

 

چاشقاننىڭ ئەرزىنى مۈشۈك سوراپتۇ.

 

ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار.

 

چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل ياخشى.

 

خاتادىن قالساڭ قال، قاتاردىن قالما.

 

خەجلەيدىغان مىڭ پۇل بار، خەجلىمەيدىغان بىر پۇل بار.

 

خەقتىن قورققۇچە، ھەقتىن قورق.

 

خەققە ئورا كولىساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز.

 

خەقنىڭ بىر قوشۇق يۇندىسى قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر.

 

خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

 

خەق ئۈچۈن ئىشلە، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆگەن.

 

خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ.

 

خەقكە خىيانەت قىلدىڭ، ئۆزۈڭگە خىيانەت قىلدىڭ.

 

خەلق قوزغالسا، تەخت قوزغىلىپتۇ.

 

خەلق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا چىقماس.

 

خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.

 

خەير قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ، مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ.

 

خوجايىنىڭنىڭ ئاچچىقى يامان بولسا، چىراغ ئۆچكەندە ئالىيىۋال.

 

خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن كارى يوق.

 

خۇدا بەرسە، شەيتاننىڭ كۆزى قىزىرىپتۇ.

 

خۇدا بەندىسىنى كەچ قويسىمۇ، ئاچ قويماس.

 

خۇدا بىلىپ پاقىغا قۇيرۇق، ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن.

 

خۇدا كەچ قويسا قويار، ئاچ قويماس.

 

خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ قاپتۇ.

 

خۇرۇم چاپان، بۈدۈر چاچ، ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ.

 

خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس.

 

خۇشاللىق ئاستا كېلىپ تېز كېتەر، خاپىلىق تېز كېلىپ ئاستا كېتەر.

 

خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئېغىزىدىن قېرىيدۇ.

 

خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك.

 

خىيانەتلىك دوستتىن دىيانەتلىك دۈشمەن خوپ.

 

دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ.

 

دادىسىنى خارلىغان داردا ئۆلەر، ئانىسىنى خارلىغان ياردا ئۆلەر.

 

داستىخان ئۈستىدە دۈشمەنمۇ دوست كۆرۈنەر.

 

داڭلىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.

 

دانا بار يەردە تىلىڭنى تارت، ئۇستاڭ بار يەردە قولۇڭنى تارت.

 

داننى ئۆيدە يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.

 

ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تامنىڭ تۆشۈكى.

 

دەرەخ زىننىتى ياپراق، ئىنسان زىننىتى ئەخلاق.

 

دەرەخ شېخىدىن سۇنار، ئادەم گېپىدىن سۇنار.

 

دەرەخ مېۋىسى تەنگە، بىلىم مېۋىسى ئەلگە.

 

دەرەخنىڭ قەد كۆتۈرۈشى غولى بىلەن، ئادەمنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلىم بىلەن.

 

دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم ئەللىك يىلدا.

 

دەرەخ ئۇچىدىن قېرىيدۇ، ئادەم پۇتىدىن قېرىيدۇ.

 

دەرەخ يىلتىزىدىن كۆكلەر، نامرات ئەقلىدىن كۆكلەر.

 

دەرد سۆزلىتەر، ئەلەم ئۆلتۈرەر.

 

دەرد پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار.

 

دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.

 

دەرد كېلىدۇ كەم غىزالىقتىن، بەخت كېلىدۇ رازى رىزالىقتىن.

 

دەردلىك باشتا ئەقىل بولماس.

 

دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.

 

دەۋاگەر بوش كەلسە، قازى مۇتەھەم بوپتۇ.

 

دەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، دېمەي دېسەم ئىچىم كۆيىدۇ.

 

دوپپىسىنى ئەكەل دېسە، بېشىنى ئەكېلىپتۇ.

 

دوراشتىن قىلىق تاپىسەن، قىلىقتىن ئادەت.

 

دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.

 

دوست ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى تىلەر.

 

دوست ئاينىسا دۈشمەن بولۇر.

 

دوست بولۇش ئوڭاي، دوستلۇقنى ساقلاش تەس.

 

دوست تۇتساڭ كەيپ-ساپانى، سېتىۋالىسەن جەبىر-جاپانى.

 

دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئاۋۋال باشقىلارنىڭ دوستى بول.

 

دوستتىن يامانلاش ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلاش قورساقنىڭ توقلۇقى.

 

دوست سۆزىنى تاشلىما، تاشلاپ بېشىڭنى قاشلىما.

 

دوست كەينىڭدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.

 

بۇ خەۋەر 143 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق