چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (2)

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (2) 

ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.

ئالدىراقسانلىق شەيتانلىق، سالماقلىق راھمانلىق.

ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە، ئېغىزىمغا كەلدى دەپ دېمە.

ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ.

ئالغاندا پاتمانلاپ، بەرگەندە مىسقاللاپ.

ئالغاندا خۇش چىراي، بەرگەندە مۇز چىراي.

ئالماس خەنجەر قىنىدا ياتسا، دات باسار.

ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس.

ئالىم سۆزلىسە، زالىم جىم بوپتۇ.

ئالىمنىڭ خۇمارى بىلىم، بەڭگىنىڭ خۇمارى چىلىم.

ئانا ئايىغىدا جەننەت بار، ئاتا ئايىغىدا دۆلەت بار.

ئانارنى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە.

ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ، ئاتاڭنى خاقان بىل.

ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا، يەر تىترەيدۇ.

ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى تالادا.

ئاۋات شەھىرىڭدىن ئەسكى تاملىق يۇرتۇم ياخشى.

ئاھ ئۇرۇپ غەم قىلغۇچە، ئەقىل ئىشلىتىپ پەم قىل.

ئاۋۋال ئىشلە، ئاندىن چىشلە.

ئايال كىشىنىڭ قولى كۆسەي، چېچى سۈپۈرگە.

باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.

باتۇر جېنىدىن كەچسىمۇ، ئېلىدىن كەچمەس.

باتۇر چۈشەر، دۈشمەن كۆرەر.

باتۇرغا بىلەك كېرەك، مەردكە يۈرەك كېرەك.

باتۇر ئۆيدە تۇغۇلۇپ، جەڭدە ئۆلەر.

باخشىنىڭ كۈنى داپ بىلەن، يالغانچىنىڭ كۈنى لاپ بىلەن.

باراڭ لازىم ئەمەس، قاپاق لازىم.

بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.

بارمىغان يەرنىڭ ئوي-چوڭقۇرى تولا.

بار نېمىنى دېگۈزمەس، يوق نېمىنى يېگۈزمەس.

بارنىڭ خىجالىتىدىن، يوقنىڭ خىجالىتى يامان.

بازارغا باققال يارىشار، پوقاققا ساقال.

بازارغا گەپ ئاتما، مازارغا چالما ئاتما.

بازىرى كاساتنىڭ پارىڭى تولا.

باش ئاغرىقى  غەمدىن، بەل ئاغرىقى  نەمدىن، پۇت ئاغرىقى  يولدىن.

باشتا قاتتىق بولسا، ئاياغدا تاتلىق بولار.

باش  خەزىنە، تىل  ئاچقۇچ، كۆز  ساقچى، قول  بايلىق.

باشقا يۇرتنىڭ سۇلتانلىقىدىن، ئۆز ئېلىڭنىڭ گادايلىقى ئەلا.

باشقىنىڭ ئەقلى بىلەن ئاش يېگۈچە، ئۆز ئەقلىڭ بىلەن پوق يە.

باش نەدىن كېتىدۇ دېسە، تىلىنى چىقىرىپتۇ.

باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ.

بالا بالا بولغۇچە، ئانىسى موماي بولار.

بالاڭغا كۆيسەڭ، يامان ئىشتىن توس.

بالاڭنى ئايىساڭ، بالاغا قالىسەن.

بالاڭنى مەيلىگە قويساڭ، ئوچىقىڭنى بۇزار.

بالاڭنى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ، بېشىڭغا چىچار؛ چىۋىننى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ، ئېشىڭغا.

بالاڭ يامان بولسا ئۆزۈڭدىن كۆر.

بالا ئۇچراپتۇ يوقسۇزغا، كېيىك ئۇچراپتۇ ئوقسىزغا.

باي بازارغا يېقىن، گاداي قازاغا يېقىن.

باي بايغا باقار، سۇ سايغا ئاقار.

باي بولساڭ، نامراتنىڭ غېمىنى ئويلا.

بايغا يالۋۇرما، ئۆزۈڭگە يالۋۇر، ئىرادە ئالدىدا مۇشەققەت قاچۇر.

بايلىق تېجەشتىن، نامراتلىق چېچىشتىن.

بايلىق قاچقان كىشىنى قوغلار، قوغلىغان كىشىدىن قاچار.

راست گەپ ئاڭلاي دېسەڭ، كىچىك بالا بىلەن مۇڭداش.

باي مېلىنى سۆزلەيدۇ، نامرات غېمىنى سۆزلەيدۇ.

باينىڭ بالىسى بازارغا يېقىن، كەمبەغەلنىڭ بالىسى قازاغا يېقىن.

باينىڭ پۇلى بار، كەمبەغەلنىڭ ھۈنىرى بار.

باينىڭ پۇلى بولغۇچە، گاداينىڭ قۇلى بول.

باينىڭ قىزى تازغا ئامراق.

باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى.

بەتتام قوغۇننىڭ ئۇرۇقى تولا، ئويلانماي قىلغان ئىشنىڭ سورىقى تولا.

بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.

قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.

بەختسىز قۇدۇققا چۈشسە، بېشىغا قۇم يېغىپتۇ.

بەرىكەت دېگەن خالتاڭدا ئەمەس، ئالىقاندا.

بەرىكەتنى ھەرىكەتتىن تىلە.

بەرگىنىڭگە مىننەت قىلما، ئالغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالما.

قىزغانچۇقنىڭ ھالۋىسىدىن، قولى ئوچۇقنىڭ ئۇمىچى ياخشى.

كىشىنىڭكىنى بۇلاپ-تالاپتۇ، ئۆزىنىڭكىنى سىقىپ يالاپتۇ.

بەزىدە خۇدا بىلەن رۇسۇل، بەزىدە دۇتار بىلەن ئۇسسۇل.

بەزىدە مېھمان كېلۇر قويۇپ قويغان ئۆپكىدەك، بەزىدە مېھمان كېلۇر يۈگۈرۈپ قوپۇپ تەپكۈدەك.

بەزىلەرگە ئالتۇن تاۋاقتا ئاش كېلۇر، بەزىلەر يوقسۇزلۇقتىن جان بېرۇر.

بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس.

بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.

بولسا ئادەم پىلانسىز، كېتەر ئوقى نىشانسىز.

بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە تۇرماس.

بۇلبۇل باھارنى سۆيەر، ئادەم ۋەتەننى سۆيەر.

بۆرىگە ئىچ ئاغرىتساڭ، قوينىڭ جېنىغا زامىن بولىسەن.

بۆرىنىڭ خىرىس قىلىشىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجىيىشى يامان.

بۈگۈنكى دوستلىرىڭدىن ئەتىكى دۈشمەنلىرىڭ زېرەك.

بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس، بېخىلنىڭ پوقىغا بىگىز ئۆتمەس.

بېخىلنىڭ شېمى ئاقسا، كۆزىنىڭ يېشى ئاقار.

بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانىقى ئوتتۇز.

بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە، ئەسقاتىدىغىنى دوست.

بېشىڭ كۆككە تاقاشسا، خەلقىڭنى يۇلتۇز بىل.

بېشىڭ نەدىن كېتەر، تىلىڭدىن كېتەر.

بېقىپ يەيمەن دېسەڭ مال قىل، سېتىپ يەيمەن دېسەڭ دەرەخ قىل.

بىگىز تاغاردا توختىماس، چوغ پاختىدا.

يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ.

بىچارىنىڭ بېشىنى سىيلىساڭ، چىققان دۆڭۈڭ ئېگىز بولۇر.

بىر ئاچقانغا سۆزلىمە، بىر ھارغانغا.

بىر ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر تاغار تۇزنى بىللە يە.

بىراۋغا ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.

بىر بەت كىتاب ئوقۇساڭ، بىر سەر ئەقىل قوشۇلار.

بىرلىكى بار ئەلدىن قورق.

بۇ خەۋەر 147 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق