چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (16)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(16)

يولۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال خۇيىنى بىل.

يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر، پاشىنىڭ قولىدا كېتىپتۇ.

يولۋاس ۋەھشى بولسىمۇ، بالىسىغا قەست قىلماس.

يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن قايتماس.

يۇرت پۈۋ دېسە شامال چىقار.

يۇرتتىن ئايرىلغۇچە، جاندىن ئايرىل.

يۇرتتىن كەچكەن نومۇستىن ئۆلەر

يۇرت دېگەن چىمەن، ئاڭا باققان بولۇر دۆلەتمەن.

يۇرت سۆيگەن ئەر، سايىسى بار دەرەخ.

يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.

يۇرت نامراتلاشسا، ئوغرى كۆپىيەر.

يۇرتنى سۆيگەن ماكانسىز قالماس.

يۇرتىدىن بەزگەن دۈشمە قولىدا ئۆلۈر.

يۇمشاقنى قاتۇرغان شىلىم، پولاتنى ئۇچۇرغان بىلىم.

يۆلەنچۈكى كۈچلۈك بولسا، كىگىز قوزۇقمۇ يەرگە كىرىدۇ.

يۈرۈشنى بىلمىگەن يول بۇزار، سۆزلەشنى بىلمىگەن ئىش بۇزار.

يۈز دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.

يۈزدىكى كىر كېتەر، كۆڭۈلدىكى كىر كەتمەس.

يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.

يۈز قېتىملىق ۋەدىدىن، بىر قېتىملىق ئىش ياخشى.

يۈز كېتەر گالدىن، باش كېتەر تىلدىن.

يۈز گەپداندىن بىر ئىشچان ئەلا.

يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ.

يۈزلۈك بولاي دېسەڭ، ئىشىڭنى توغرا قىل.

يۈزۈڭدە قار بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە.

يۈز يىل ئۆمۈر كۆرسەڭمۇ، ئىزدىنىشنى توختاتما.

يۈكى ئېغىر ئېشەك يورغا، يۈكى يەڭگىل ئېشەك ياتقاق.

يۈگرەپ ئىش قىلساڭ، ئولتۇرۇپ يەيسەن؛ باشتا ئالدىرىمىساڭ، كېيىن يۈگرەيسەن.

يېپىشقاندىن قاچ، قاچقانغا يېتىش.

يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن.

يېتىپ ئۆلگۈچە، ئېتىپ ئۆل.

يېتىمگە ئاتا بولساڭ، ئېتىكىڭ لاتا بولار.

يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ.

يېتىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، كىيگەن ئەڭنى يىرتىقتۇر.

يېتىمنىڭ يەتتە ئاتىسى بار.

يېتىمنى ئۇرغاننى خۇدا ئۇرۇپتۇ.

يېتىم ئۆز رىسقىنى يەيدۇ، كىشىنىڭ مىننىتىنى تارتىدۇ.

يېرىڭ ئوغۇتقا تولسا، خامىنىڭ ھوسۇلغا تولار.

يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ.

يېشىڭ ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈڭنىڭ تېڭى كەتتى.

يېشىڭ ئۇزارسا پۇتلىشارسەن، گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلىشەرسەن.

يېشىل كۆلدە غاز ئوينار، چىۋىن بىلەن تاز ئوينار.

يېغا كەلسە، ئەلنىڭ يىغىسى بىر بولۇر.

يىغا ياندىن كېلۇر، بالا كەلسە  قېرىنداشتىن.

يىگەننىڭ تىلى قىسقا، ئالغاننىڭ قولى قىسقا.

يىگەن ئېغىز ئۇيۇلار.

يىگىنى چىرايىغا چىقماپتۇ.

يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ.

يېڭى تۇماقنىڭ يىرتىقى يوق، ھالال ئىشنىڭ پۇتىقى.

يېڭىسىنى كۆرۈپ، كونىنى تاشلىما؛ ئىچىڭگە تىنىپ، قان – يىرىڭ يۇتما.

(بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال.

بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.

قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.

قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.

دوستۇڭ دوسىت بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.

چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر، ھېجايغاق قىزغا يىگىت.

بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.

خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.

ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

چىرايلىقتا ۋاپا يوق.

ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.

ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.

موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.

ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.

ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.

تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.

بالىلىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.

كۆز قورققاق، قول باتۇر.

ئەندىشەنىڭ ئېتى قورققاق.

ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.

ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.

باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.

دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.

دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.

پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.

كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.

ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.

ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.

پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.

بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.

يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكىدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمىكىدىن.

سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

زاغرا نان قېتتىققا ياخشى، قېرى كالا پېتىققا ياخشى.

ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرىۋالار.

بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.

بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.

ئىت قوغلاپ توشقانغا يەتكەندە سېگىسى كەپتۇ .

ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.

پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.

 

داۋامى بار

 

بۇ خەۋەر 113 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق