چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (11)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(11)

 

ھەرىكەت تەكرارلانسا، ئادەتكە ئايلىنار؛ ئادەت تەكرارلانسا، خۇيغا ئايلىنار.

ھەرىكەت قىلساڭ بەرىكەت تاپارسەن، ئىخلاس قىلساڭ مەرىپەت تاپارسەن. 

ھەرىكەت قىلىپ يېگەن تاماق تەنگە قۇۋۋەت، ھەرىكەت قىلماي يېگەن تاماق غەمگە قۇۋۋەت.

ھەرىكىتى يوقنىڭ بەرىكىتى يوق.

ھەسەل بەرگەن ھەرە چېقىشنىمۇ بىلىدۇ.

ھەسەلخان ئۆيىدە ئۇن يوق، دۇتار سېتىۋاپتۇ.

ھەسەلنى كۆپ يېسەڭ، ئەمەن تېتىيدۇ.

ھەسرەت تاپا – تەنىدە بىلىنىدۇ، مۇھەببەت ۋاپادا.

ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى بەك تاتلىق.

ھەشەمەتلىك توينىڭ غەۋغاسى تولا.

ھەق سۆزلىگەن بىئەجەل ئۆلۈپتۇ.

ھەقنى ھەق سۆزلە يامان بولمايدۇ، رەڭگىرويۇڭ ئەبەدىي سامان بولمايدۇ.

ھەق ئىش ئۈچۈن يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار.

ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.

ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.

ھەقىقەت بىگىزگە ئوخشايدۇ، ئۇنى خالتىدا ساقلىغىلى بولمايدۇ.

ھەمراھىڭ ئىت بولسا، قولۇڭدىن كالتەك چۈشمىسۇن.

ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟

ھەممە نەرسە كۆپەيسە ئەرزانلايدۇ، بىلىم قانچە كۆپەيسە شۇنچە قىممەتلەيدۇ.

ھەممىنى موللا بىلەر، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر.

ھۇرۇنغا ئىش بۇيرۇساڭ ساڭا ئەقىل كۆرسىتەر.

ھۇرۇنلۇقتىن بالا كېلەر باشقا، ئىشچانلىقتىن گۈل ئۈنەر تاشقا.

ھۇرۇنلۇق خارلىقنىڭ ئىشىكى.

ھۇرۇننىڭ ئاغرىنمايدىغان ئىشى يوق.

ھۇرۇننىڭ ئاغزى ئىلدام، ئىشچاننىڭ ئايىغى ئىلدام.

ھۇرۇننىڭ باھانىسى تۈگىمەس.

ھۇرۇننىڭ قەرزى تولا، خۇداغا ئەرزى تولا.

ھۇرۇن ئېشەك يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەر.

ھۇرۇنغا قىلدەك ئىش پىلدەك كۆرۈنەر.

ھۇرۇننىڭ قوپقۇسى كەلمەس، ئىشچاننىڭ ياتقۇسى كەلمەس.

ھۇرۇنلۇق قىلساڭ، ئىشىڭنى كىم قىلۇر، تارتىنساڭ، سۆزۈڭنى كىم قىلۇر.

ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، تەمەخورنىڭ پەتىسى تۈگىمەس.

ھۇرۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.

ھۇرۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر.

ھۇرۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلۇر.

ھۇرۇن ئادەم ياتقىنىدىن كۈلەر، ئىشچان ئادەم مېھنىتىدىن كۈلەر.

ھۇرۇن ئۆلسە كۆمگىلى كىشى چىقماس.

ھۆرمەت ئالتۇندىن قىممەت.

ھۆرمەت قىلساڭ چوڭغا، ئىشىڭ تارتار ئوڭغا.

ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت كۆرىسەن.

ھۈنەر قىلدىڭ  گۈل بولدۇڭ، بىكار يۈردۈڭ قۇل بولدۇڭ.

ھۈنەرلىك كىشى پۇل تاپار، ھۈنەرسىز كىشى كۈندە خار.

ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن.

ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق، بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق.

ھىجىيىشنى بىلمىسەڭ، سودا – سېتىق قىلما.

ھىممىتى بار كىشىنىڭ، ئۈنۈمى بار ئىشىنىڭ.

ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار.

ئوتقا تەگسەڭ ئۆچەر، قوشناڭغا تەگسەڭ كۆچەر.

ئوت قويسا ئامبال، يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراق. (پادىشاھ مەشئەل ياقسا رۇخسەت، پۇقرا شام ياقسا يوق رۇخسەت.)

ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر.

ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىك تېشىدا قاپتۇ، گەپ توشۇغان غالچا بالاغا قاپتۇ.

ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغىچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.

ئوغرىنى قاراقچى ئۇرۇپتۇ.

ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئاز.

ئوغۇلنى جەڭگە ياراتقان.

ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق، قىزنىڭ چېچەنلىكى ئانىغا تالىق.

ئوقەتچىنىڭ كۆزى يامان، سۇخەنچىنىڭ سۆزى يامان.

ئوقۇدۇم دېگۈچە، بىلدىم دېگىن.

ئوقۇرىنى سېغىنمايدىغان ئات بولماس، ۋەتەننى سېغىنمايدىغان پەرزەنت بولماس.

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ.

ئوقۇغان يىگىت ئوقلانغان مىلتىق.

ئوقىتىڭنى يوقاتساڭ يوقات، لەۋزىڭنى يوقاتما.

ئوڭدا ياتقان گىردە يەر، كەتمەن چاپقان جىگدە يەر.

ئولتۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان كېسەلنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.

ئولتۇرۇپ ياش تۆككىچە، دەس تۇرۇپ مۇشت تۈگ.

ئوماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ.

ئون پوچىدىن بىر ئىشلىگۈچى ئەلا.

ئون قېتىم ئويلا، بىر قېتىم سۆزلە.

ئو كۈن ئاچ قالساڭمۇ، بىر كۈن نومۇس ساقلا.

ئون ئىتقا يىگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يىگۈزگەن خوپ.

ئوۋچىنىڭ دەسمايىسى قىلتاق بىلەن توزاق، موللىنىڭ دەسمايىسى جەننەت بىلەن دوزاخ.

ئويچى ئويلانغىچە، تەۋەككۈلچى ئىشنى پۈتتۈرەر.

ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلەرسەن.

ئويناپ ئۆگەنمەي، ئويلاپ ئۆگەن.

ئويناپ يۈرگىچە، ئويلاپ يۈر.

ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب سالۇر ھەر باب بىلەن.

ئويۇنغا بېرىلگەن ئوڭدا قالار.

ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىك سىرتىدا قاپتۇ.

ئۇچامدا يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.

ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەپتۇ.

ئۇچۇشنى ئويلىساڭ، چۈشۈشنى ئۇنۇتما.

ئۇخلىغاندا غەم يوق، ئاغرىق كالىغا يەم يوق.

ئۇخلىغاننىڭ قارنى ئاچ قالار.

ئۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە تۇرماس.

ئۇرۇشخۇمار دوستۇڭدىن، جىمخور دۈشمىنىڭ ياخشى.

ئۇرۇشقاق ئەلدە بەرىكەت يوق.

ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس، تېپىشمىغىچە سىناشماس.

ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ.

ئۇرۇغ – تۇغقان بولسا ئەپ، تېگەر ئۇندىن نۇرغۇن نەپ.

ئۇزاق يولدا ئاتنى سىنا، مۈشكۈللۈكتە دوستنى سىنا.

ئۇزۇنغا باققاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر.

ئۇزۇن گەپ داغ بولۇر، قىسقا گەپ ياغ بولۇر، 

ئۇستا ئالدىدا قولۇڭنى تارت، موللا ئالدىدا تىلىڭنى تارت.

ئۇستا بىلەن يېقىن ئۆتسەڭ، ئىشىڭ پۈتەر.

ئۇستاز پەقەت باشلامچى، بىلىم ئېلىش ئۆزۈڭدىن.

ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرتنىڭ ھۈنىرى كاسات.

ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامغا يورغىلار.

ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قاۋۇل دېھقان بوز ئاچار.

 

داۋامى بار

 

 

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق