چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

Yaman Törüner  

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى

كۆپلىگەن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تەۋە «شىنجاڭ رايونى» (شەرقىي تۈركىستان)دىكى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش لاگېرلىرىنى 21-ئەسىردىكى تۇنجى «قىرغىنچىلىق جازا لاگېرلىرى» دەپ قارايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇپ سولانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردىن چىقارغان ۋاقتىدا دىنلىرىدىن ۋاز كەچكەن ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى پىلانلىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان رايونلىرى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان بولۇپ، جازا لاگېرلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوزۇلۇشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «يوقىتىش سىياسىتى»گە قارشى چىقمىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشلارغا داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلغان. بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى»دا ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىدى. بۇ يىغىندا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىررزىدېنتى مايك پەنس (Mike Pence) خىرىستىيانلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدى، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىدى.

 توسقۇنلۇق قىلىشلار

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار يەنە بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بۇ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈز بەرگىنى يوق.

بۇ يىل يازدا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىلىق بىر قارار قوبۇل قىلىندى. ئەمما ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشتا باشلامچىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئېلىنغان قارار شۇ پېتى قالدى.

ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاي دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشىنى خالىمايدۇ. بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى

خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۇرىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەتكە توسقۇنلۇق قىلدى. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى بىردىنبىر مەقسىتى بولسا سۇرىيەدىن كېيىن نۆۋەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى سولىغان جازا لاگېرلىرىغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.

پىل چىشى قىرغىقى (Ivory Coast) دېگەن دۆلەت سۇرىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئوتتۇرىغا قويغان نارازىلىقىدىن ۋاز كەچتى. بۇ دۆلەت كېيىن ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى زەئىد رائود (Zeid Ra’od al Hussein) سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆتكەن يىلى تۈركىيەگە ئېنېرگىيە ۋە قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن 3.6 مىليارد دوللار قەرز پۇلى بەردى. پىرېزىدېنتىمىز بۇ يىل يازدىكى خىتايغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا بۇ ئەھۋال ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئەھۋاللار توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى.

 خىتاي-ئامېرىكا سودا سۆھبەتلىرىدە بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھېچقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق