چاقماق خەۋەر

خىتاي ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدىغان بىر «دىۋە»

خىتاي ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدىغان بىر «دىۋە»

ئوسمان ئوكتاي

 

2019- 02- 11

يېقىندا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز ھۆرمەتلىك سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى يىلدىن بۇيان يېتىۋاتقان جازا لاگېرىدا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تۈرك مىللەتچىلىرى ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى نەق مەيدان پىروگراممىسى ئارقىلىق ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىچە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى. ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن، مەن ھەرۋاقىت مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بولىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيغانلىقى ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى ھەمبەھرىلىمىگەن ئىدىم. چۈنكى مەن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر گۇرۇپپا دوستلىرىم بىلەن ئۈرۈمچى ئايدورومىدا ئون سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش جەريانىدا خىتاينىڭ سىياسىتىنى يېقىندىن بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتقىنىمىزدا «ئاخىرقى خىتاي سەپىرى ۋە ئۆزىنىڭ سايىسىدىن قورققان دىۋە» ماۋزۇلۇق بىر يازما ئېلان قىلغان ئىدىم. خىتاي دەسلەپتە بۇ خەۋەرنى تارقاتتى، نارازىلىقلارنى كۆردى ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ خۇددى تېررورىستلارغا ئوخشاش تۇتقۇنلارنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن خەۋەرلەرنى تارقاتتى. قوللانغان ئۇسۇل ئوخشاش. چۈنكى خىتاي بىر تېررور دۆلىتى! ئەمدى دۆلىتىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنى بولسا بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىپ ئابدۇرېھىم ھېيتنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش، لاگېرلاردا يېتىۋاتقان، سانىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى قوغداشتۇر. دۆلىتىمىز خىتاي بىلەن «دوستانە مۇناسىۋەتلەر» ئىچىدە مۇشۇنداق قىلىشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتىشى كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

 ئەمدى نۆۋىتى كەلگەن ئىكەن، تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇ يازمامنى بىرئاز قىسقارتىپ قايتا ئېلان قىلىمەن.

 «... كۈرشاد قولى بىلەن ئالدى تەرەپتىكى بىر جاينى كۆرسەتتى، «ئۇ تەرەپكە» دەپ توۋلىدى. كۆرسەتكەن تەرەپ تەڭرى تاغلىرى ئىدى. تاغ ئۈستىدە ئەجدادلىرىنىڭ روھلىرى بار ئىدى. قىرىق بىر شېھىتنىڭ روھى گويا بىر بوراندەك، بىر مۇزىكا ئاۋازىدەك، بىر نۇرغا ئوخشاش ئېقىپ تەڭرى تېغىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇلارنى ئۇ جايدا ئالپ ئەرتۇڭا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئەجدادلىرى ساقلاپ تۇرۇشاتتى. بۇ قىرىق بىر شېھىتنىڭ ئەتراپىنى بىردىنلا باشقا يۈز مىڭلىغان شېھىت ئورىۋېلىشتى. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا باشلانغان بۇ ئەڭ بۈيۈك، كۆركەم پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى چەكسىز بوشلۇقنى تولدۇرۇۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بىر ئاۋازدا ئېيتىلغان ناخشا يۈرەكلەرنى تىترىتىپ، كائىناتنى لەرزىگە سېلىۋەتتى:

يەر يېرىلسا، ئاسمان كۆمتۈرۈلسە؛ كۆيسە، كۈل بولسا تۆت تەرەپ،

ئۇلۇغ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن يەنە ئاتلىنىپ چىقىمىز سەپ بولۇپ.

چېقىلغان چاقماقلار، شىۋىرغانلار، قار-بورانلار توسۇپ قالالماس،

ئۆلۈملەر بىلەن ئوينايدىغان مىس يۈرەكلىك تۈركلەر بىز.

بۇ ناخشا ھازىرمۇ كۆكلەردە جاراڭلىماقتا...»

 نىھات ئاتسىز 1946-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى «كۆك بۆرىلەر» (BOZKURTLAR) رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بۇ جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن كۆكتۈركلەرنىڭ ۋە كۈرشادنىڭ ياشىغان دەۋرگە، شۇنداقلا خىتاينى سەددىچىن سېپىلى سېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئوغۇزخان دەۋرىگە نەزەر سالساق، بۇ ناخشا 2200 يىلدىن بۇيان كۆك ئاسماندا ۋە خىتاينىڭ قۇلىقىدا جاراڭلىماقتا. خىتاي شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك سۆزىدىن ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن قورقىدۇ ھەم تىترەيدۇ.

بىزلەر 25 كە يېقىن تۈرك ئاشىقى بولۇپ، ئەپسۇسكى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە خىتاي چېگراسى ئىچىدە قېلىپ، خەلقى ئېغىر ھالسىرىغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاياغلىرى تەگكەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر يىغىن ئاچقان ئىدۇق. خىتاينىڭ سىياسەتلىرىدىن خەۋىرىمىز بار ئىدى. ئۇلار يېشىل پاسپورتلۇق كىشىلەرگە ۋىزا تەلەپ قىلمايتتى. بىز شۇنچە تىرىشقان، نۇرغۇن چىقىم تارتقان، شۇنچە يول ماڭغان بولساقمۇ، خىتاي دائىرىلىرى سەككىز دوستىمىزغا ۋىزا بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ يېشىل پاسپورتىمىز بارلىرىمىز 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كىرگەن كېچىسى كۆڭلىمىز يېرىم ھالدا خىتاينىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا قوندۇق.

 بىز «خەلقئارالىق كېلىشىملەر»، خىتاينىڭ ۋەدىسى «كېپىللىكى» ۋە ھەرقانداق ئىشىكنى ئاچالايدىغان يېشىل پاسپورتلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ، مەيدىمىزنى كېرىشكەن ھالدا پاسپورت تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا كېلىپ، پاسپورتلىرىمىزنى خىتاينىڭ ساقچىلىرىغا ئۇزاتتۇق. چۈنكى يېشىل پاسپورتنى ئاچقان ھامان كۆزگە كۆرۈنىدىغان قىسمىدا ھەم ئىنگلىزچە، ھەم تۈركچە «بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ پاسپورت ئىگىسىگە توسقۇنسىز كىرىش ھەققى بېرىشىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا ياردەم قىلىشىنى، شۇنداقلا قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يېزىلغان ئىدى.

ساقچىلار پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئالدى، كۆردى، ۋاراقلىدى، ئۆرۈپ-چۆرۈشتى، كومپىيۇتېرنى تىرىقلىتىپ قايتا-قايتا بىر نەرسىلەرنى يازغاندىن كېيىن «چېگرادىن ئۆتۈش»كە ئىشارەت قىلىشتى، ئەمما پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا بەرمىدى. ئارقىدىن بىزگە ئورۇن كۆرسىتىشتى، بىز كۆرسەتكەن يەرگە بېرىپ ئولتۇردۇق. ھەممىمىز ياخشى نىيەتلىك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پاسپورتلىرىمىزغا كىرىش تامغىسى بېسىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ئەمما بىلدۇقكى، ئىش باشقىچە. ئەر بولايلى، ئايال بولايلى، خىتاي ساقچىلىرى ھاجەتخانىغا بارساقمۇ بىزگە ھەمراھ بولدى. بىزدىن بىر سائەت كېيىن رۇسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى قوندى. بۇ ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن شۇنداق ئاسان ئۆتۈپ كېتىشتى. بىز بىلەن بىر ئايروپىلاندا كەلگەن تۈركىيە «خەلقئارا قانىلى»(Ulusal Kanal)نىڭ بىر نەچچە ئايال مۇخبىرى ۋە «ئايدىنلىق گېزىتى» (Aydınlık Gazetesi)نىڭ ياش مۇخبىرىمۇ شۇنچە ئەركىن ئۆتۈپ كېتىشتى. مەن بۇلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىزنىڭ بەزى دوستلىرىمىزغا «سىلەرنىڭ ئىشىڭلار تەس بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانلىقىنى كېيىنچە ئاڭلىدىم.

بىر ھازا ساقلىغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى كېلىپ بىزنى چوڭ بىر زالغا باشلاپ كىردى. مەن بۇ زالدا تۇنجى قېتىم بىر جۈپ تاياقچە بىلەن تاماق يېدىم. يول باشلىغۇچىمىزنى قايتا-قايتا چاقىرىپ سوئال-سوراققا تارتتى. ئۇ يەتتە-سەككىز سائەتلىك سوئال-سوراقلاردىن كېيىن چىرايى ئۆڭگەن ھالدا ئالدىمىزغا كېلىپ، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىزنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز دەرھال تېلېفونلىرىمىزغا ئېسىلدۇق. ھەممىمىزنىڭ تېلېفون قىلىدىغان ئادەملىرىمىز، تونۇش-بىلىشلىرىمىز بار ئىدى. تەلىيىمىزگە خىتاي ساقچىلىرى تېلېفونلىرىمىزنى ئېلىۋالمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بېيجىڭدىكى باش ئەلچىمىز... قاتارلىقلارغا تېلېفون قىلىشقا باشلىدۇق. ئەمما بۇ كۆرۈشۈشلەر ھېچقانداق ئىشقا يارىمىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ باشلىقى يېنىمىزغا كېلىپ: «ئۇنىڭ-بۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئاۋارە بولماڭلار» دېدى. ئارقىدىن ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ: «سىلەر تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىمۇ؟» دەپ سورىدى.

مەسىلە ئايدىڭلاشقان ئىدى. بۇ ساياھىتىمىزنىڭ خەۋىرى بۇرۇن تۈرك تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى. تۈرك تەشكىلاتى بولسا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى بولغان «رابىيە قادىرغا ئەركىنلىك» دەپ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى تەشكىللىگەن ئىدى. مەنمۇ، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكىلەرمۇ تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدۇق. ئەمما بىز خىتاينى سەددىچىن سېپىلىنى سېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئوغۇز خاقاننىڭ قوشۇنىدا ئەسكەر بولمىغان ئىدۇق. ئارىمىزدا خىتاي پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرگەن كۈرشادنىڭ يىگىتلىرىدىن بىرەرسىمۇ يوق ئىدى. ئەمما نىھات ئاتسىزنىڭ دېگىنىدەك، «ئۆلۈملەر بىلەن ئوينايدىغان مىس يۈرەكلىك تۈركلەر»نىڭ ئېيتقان ناخشىسى تېخىغىچە خىتاينىڭ ئاسمىنىدا جاراڭلىماقتا ئىدى. دېمەك، تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆتمۈشنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ خىتاي ساقچىلىرى بىزنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن ئارام تېپىشتى.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىزنى ئايدورومدىكى يولۇچىلارنىڭ چەتئەلدىن كېلىش بۆلۈمىدىن كېتىش بۆلۈمىگە ئېلىپ ماڭغان ۋاقتىدىكى مەنزىرە ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيتتى. ئۇلار بىزنى بىر رەت قىلىپ قاتار تىزدى. خىتاينىڭ ساقچى باشلىقى پاسپورتلىرىمىزنى كۆتۈرگەن ھالدا ئالدىمىزدا ماڭماقتا. ئالدى-كەينىمىزدە، ئوڭ-سولىمىزدا تولۇق قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى سەپ تۇتقان ئىدى. خىتاينىڭ ساقچى باشلىقى قاتتىق ھاياجانلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن تاسادىپىي بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىپ قېلىپ، باشلىقى ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كېيىن بىر پاسپورتىمىزغا، بىر چىرايىمىزغا زەن سېلىپ قاراپ، پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا بەردى، كېيىن يەنە قولىمىزدىن ئالدى. كېيىن يەنە بەردى، يەنە ئالدى، يەنە بەردى، قايتا-قايتا... پاسپورتلىرىمىزغا تامغا بېسىلمىدى. بىز گويا خىتاي چېگراسىدىن ھېچ كىرمىگەن ئىدۇق. ئەمما پاسپورتلىرىمىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى تۇتۇپ تۇراتتى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇ زېمىنغا بېرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كاشكى، بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلسا... ئۇلار بىزگە گويا بىز ئەزەلدىن تېررورىستلاردەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئۈستى-بېشىمىزنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشكە باشلىدى. تەكشۈرگەندىمۇ ئاجايىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتى. ئاياغلىرىمىزنىڭ ئىچى، پايپاقلىرىمىز، چاچلىرىمىزنىڭ ئارىلىرىمۇ قالمىدى. بېشىغا ياغلىق چەككەن ئاياللىرىمىزنىڭ ياغلىقلىرىنى يەشتۈرۈپ، قوللىرى بىلەن ئىنچىكىلەپ تەكشۈردى. بىز بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا «تىيانشان» دەپ ئاتايدىغان تەڭرى تاغلىرىنى ئايرودروم بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىدىن كۆرۈپ تۇراتتۇق، ئەمما سۈرەتكە تارتىشقا يول قويمايتتى. بىز شۇنداق قاتتىق نازارەت ئاستىدا كېتىۋاتقان بولساقمۇ، مەن ئايروپىلانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا سەزدۈرمەي ئىككى پارچە سۈرەت تارتىۋالدىم.

***

توۋا، ما ئىشنى كۆرۈڭ! ھاياتنىڭ بىزگە قىلغان چاقچىقىغا قاراڭ! ئالمۇتا-ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان  بىز چىققان 351 سەپەر نومۇرلۇق ئايروپىلاندا بىر خىتاي يولۇچى بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ قالدىم. سالام قىلغان ھامان چىرايىمغا قارىدى. مەن «سىز نەدىن» دەپ سورىدىم. ئۇ «خىتاي» دېگىنىدە بىر نەچچە سېكۇنت تۇرۇپ قالدىم. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يېنىدىن تۈركىيەنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسى، بانكا كارتىلىرىنى چىقاردى. مەن ئۇنىڭدىن «نېمە ئىش قىلىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئادىمى بولۇپ، «ئېلېكترونلۇق سايمانلار» دېدى. ئىستانبۇل، ئەنقەرە ئارىسىدا كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىدىكەن. مەن: «بىزنى خىتايدىن قوغلىدى» دېدىم. ئۇ پەرۋايى پەلەك ھالدا باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. گەپ قىلىشنىمۇ خالىمىدى.

بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي دۆلىتىنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى رابىيە قادىرنىمۇ دۆلىتىمىزگە كىرگىلى قويمايمىز. ئەمما خىتايلار خالىغان ۋاقتىدا كېلىپ، نېمە ئىش قىلغۇسى كەلسە قىلىپ، شىركەت قۇرۇپ، خالىغانچە ئويناپ-كۈلۈپ يۈرۈيدۇ. بازارلىرىمىزنى خىتاينىڭ ئويۇنچۇقلىرىدىن تارتىپ ئۆي سەرەمجانلىرىغىچە ھەرخىل ماللىرى قاپلىغان. ئۇلار بىزنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، بىز بولساق ئۇلارغا قۇچاق ئاچىمىز. ئۇلار بىزنى سۈمۈرىدۇ، بىز بولساق ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز.

يەنە يازسام نەدە توختايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. كىنو رېژىسسورى نۇرى بىلگە جەيلان قېنى «گۈزەل ۋە يالغۇز دۆلىتىم» دەپ ھەقىقەتەن بەكمۇ توغرا گەپ قىلغان ئىدى. تۈركىيە ھەقىقەتەن گۈزەل ۋە يالغۇز دۆلەت. قاراپ بېقىڭ، چىن-ماچىنلارنى قويۇڭ، «دوست» دەيدىغانغا بىرمۇ قوشنا دۆلەت يوق. ئىنشائاللاھ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بۇ ئەھۋاللارنى بىلىدىغاندۇ. ھەمدە تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا قەتئىي ۋە كەسكىن، قەدەملىرىنى مەزمۇت باسقان، يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا سىياسەت بەلگىلەپ ئىجرا قىلار. گەپنى يەنە ئەگىتمەي خىتايغا كېلەي:

داستانچى شائىرىمىز نىيازى يىلدىرىم گەنچ ئوسمانئوغلۇ كۈرشاد داستانىدا مۇنداق دەيدۇ:

... كەڭ كەتكەن ئىدى خىتاي دۆلىتى...

دەم ئالماستىن قىرىق كۈنلۈك ئاتلىق سەپەردە

بىر باشتىن يەنە بىر بېشىغا چىققىلى بولماس!

ئوزۇقى، تەڭگىسى، ماللىرى كۆپتۇر

 پەقەت باھا تالىشىشقا يېقىن يولىماس!

ئۇرۇشتا بىر تۈرككە قىرىق خىتاي توغرا كېلەر،

(ئەمما) بىرگە بىر ئۇرۇش قىلالماس!

ئاللاھ تا ئەزەلدىن دۈشمەن ياراتقان

كېلىشىپ بىر جايدا ياشاش مۇمكىن ئەمەس...

خىتاي كاپىرلىرى بىلەن كېلىشىپ بىرگە ياشاش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. كۆرۈنۈشىگە قارىماڭ، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدىغان بىر «دىۋە»دىن باشقا نەرسە ئەمەس. قاراپ بېقىڭ، تۈركىيەدىن كەلگەن ۋە ھەر بىرى 60 ياشتىن ئاشقان 15-20 ئادەمدىن قورقۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. نىھات ئاتسىز ئەپەندى توغرا ئېيتقان ئىكەن. چەكسىز كەتكەن خىتاي زېمىنى ئۈستىدە ھازىرمۇ كۈرشادنىڭ روھى خىتاينى قورقىتىپ، ئايلىنىپ يۈرمەكتە ھەمدە ئۇ ناخشىنىڭ سادالىرى جاراڭلىماقتا:

يەر يېرىلسا، ئاسمان كۆمتۈرۈلسە؛ كۆيسە، كۈل بولسا تۆت تەرەپ،

ئۇلۇغ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن يەنە ئاتلىنىپ چىقىمىز سەپ بولۇپ.

چېقىلغان چاقماقلار، شىۋىرغانلار، قار-بورانلار توسۇپ قالالماس،

ئۆلۈملەر بىلەن ئوينايدىغان مىس يۈرەكلىك تۈركلەر بىز.

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن

 

https://qoshe.com/habererk/osman-oktay/cin-golgesinden-korkan-dev-/27413592

بۇ خەۋەر 1438 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق