چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى

(خىتايچە مەنبە: FBI مەخپىي ئارخىپىدىن)

ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆك تېكىن تەرجىمىسى

خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئامېرىكىنىڭ %48 گە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %92 گە، دىپلوماتىيە كۈچى ئامېرىكىنىڭ %88 گە، ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %36 گە، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %25 گە، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %20 گە، مائارىپ ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %12 گە توغرا كېلىدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەمدىلەتىن تىكلىنىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ %25 گە توغرا كېلىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۇنيادا 100-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پەقەت %5.5 گە توغرا كېلىدۇ. مەيلى ئىقتىسادىي ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تېخى ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى گەرچە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىدا خىتاي ئامېرىكىنىڭ پەقەت %5 گە توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى 400 دىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيا سۈنئىي ھەمراھ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ھەربىي سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشىدۇ.

خىتاينىڭ ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىرى جەمئىي 20. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تەرەپ ئىزچىل ھالدا ھەممىسىنى «خەلق ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھى» دەۋاتىدۇ. كۆپ دېگەندىمۇ ئاساسەن خەلق-ھەربىي ئورتاق ئىشلىتىدۇ.

ھاۋا ئارمىيەسى

خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پەقەت %20 گە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە 382,600 ئەسكەر بار. ئۇرۇش ئايروپىلانى 2674، ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان 174 (بۇنىڭ ئىچىدە B1 تىپلىقى 95، B-52 تىپلىقى 66، B-2A تىپلىقى 13 ). رازۋېدكا ئايروپىلانى 57، توشۇغۇچى ئايروپىلانى 846، مانېۋىر ئايروپىلانى 1225، زاپاس ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانى 52، تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 220 . ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئاشىدۇ.

 خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدە 220 مىڭ ئەسكەر بار. ھەرخىل ئايروپىلانلار 3000 دىن ئاشىدۇ. 600 دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 2000 دانە يىراق مۇساپىلىق بومبا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى بار.

دېڭىز ئارمىيەسى

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ %15 گە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە 570 مىڭ ئەسكەر بار. سۇ ئاستى پاراخوتى 95، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن مۇداپىئەلىنىش كېمىسى 44، چارلاش پاراخوتى 20، رادار كېمىسى 25، قوش ماكانلىق پاراخوت 252، ياردەمچى ۋە ماددىي ئەشيا پاراخوتى 93، ھەربىي ئوبوروت قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق كېمە 123.

 ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەن ئايروپىلان 2732، تىك ئۇچار ئايروپىلان 1361. دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ 173 مىڭ ئەسكىرى بار. ھەرخىل ئايروپىلان 1000، تانكا 403، زەمبىرەك 857، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 3225، راكىتا 3142.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 300 مىڭ ئەسكىرى بار. (بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئاۋىئاتسىيە ئەسكىرى 56 مىڭ، چېگرا مۇداپىئە قىسمى 35 مىڭ، قۇرۇقلۇق قىسمى 56 مىڭ) ئۇرۇش كېمىسى 74، ئېغىر ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كۆپ ماكانلىق پاراخوت 55، چارلىغۇچى پاراخوت 49، سۇ ئاستى كېمىسى 61.

سۈپەت سانىنىڭ ھەسسىلىكى پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ %15 گە توغرا كېلىدۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى

 قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سانى جەھەتتە خىتاي ئامېرىكا بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە 490 مىڭ ئەسكەر بار. M-60A3، M-1A1 تىپلىق ئۇرۇش تانكىسىدىن جەمئىي 7836سى، يېنىك تانكا M-551 تىپلىقىدىن 131ى، «تۈلكە» رازۋېدكا ماشىنىسىدىن 113ى، پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسىدىن 6720سى، ھەرخىل زەمبىرەكتىن 7428ى، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 32,857سى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا «قىساسكار»دىن 660ى، «ۋەتەنپەرۋەر»دىن 474ى، ھەرخىل ئايروپىلانلاردىن 264ى، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن 5002سى، قوش ماكانلىق كېمىدىن 161ى بار.

خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 18 گارنىزونىدا بىر مىليون 400 مىڭ ئەسكەر بار. 59 تىپلىق تانكىدىن 5500ى، 69 تىپلىق تانكىدىن 200ى، 79 تىپلىق تانكىدىن 500ى، 88 تىپلىق تانكىدىن 500دىن ئارتۇق، 98 تىپلىقتىن 500ى، 99 تىپلىقتىن 700ى بار.

سۈپەت ساندىن ئۈستۈنلۈك پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەمەلىي كۈچى ئاساسەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

يادرو كۈچى

يادرو كۈچى جەھەتتە خىتاي، ئامېرىكا ھەر ئىككى تەرەپ گۇمران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.  ئامېرىكىنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن 580ى بار. مەخپىي قارىغا ئالغۇچى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن 432سى بار. «ئوخېئو» دەرىجىلىك N-734 تىپلىقتىن 10ى بار.

خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن 160ى بار. 13,200 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە تەگكۈزەلەيدىغان قىتئەلەر ئارا سىنارەدتىن 20سى، ئون مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىگە تەگكۈزەلەيدىغان سىنارەدتىن جەمئىي 104ى بار.

تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشى

خىتاي تەيۋەن دېڭىزىدا ئالدىراپ ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. گەرچە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى كۈچى ئامېرىكىنىڭ ئاران %5 گە، ھاۋا ئارمىيە كۈچى ئامېرىكىنىڭ %20 گە، دېڭىز ئارمىيە كۈچى %15 گە توغرا كەلسىمۇ، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۈچى ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋەيران قىلىش ئىقتىدارى بار. شۇڭا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ %36 گە توغرا كېلىدۇ.

تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشى بولسا ئالەم بوشلۇقى، ھاۋا ئارمىيە ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشى

ئەگەر تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشى يۈز بېرىپ قالسا، ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا بارلىق ئالەم بوشلۇقى كۈچى بىلەن ھاۋا ئارمىيە كۈچىنىڭ %10 نى ۋە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنىڭ %10 نى ئىشقا سالسىلا، ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇق كۈچى ئامېرىكىنىڭ پەقەت %5 گىلا توغرا كېلىدۇ. ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ پەقەت %20گە، دېڭىز ئارمىيەسى بولسا %15 گىلا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھەرگىزمۇ بارلىق دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشىغا قارىتالمايدۇ. خىتاينىڭ كەڭ كەتكەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز چېگراسى سەۋەبىدىن، پەقەت %80 دېڭىز-ھاۋا ئارمىيە كۈچىنىلا ئىشقا سالالايدۇ.

 ئۇرۇش دېگەن ھەربىي كۈچ، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە ئۇرۇش ئىرادىسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قوراللىرىنىڭ سان ۋە سۈپىتى بىلەن تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشىدا ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ئەمما خىتاي ئارمىيەسىمۇ ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە ئۇرۇش ئىرادىسىگە تايىنىپ، ئاجىزلىق بىلەن كۈچلۈك رەقىب ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي يىقىلماسلىق رىۋايىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا رىۋايىتىنىڭ تەيۋەن دېڭىزى ئۇرۇشىدا ئۇچرىشىپ قېلىشى ناتايىن. ھېچكىممۇ ئۆز رىۋايىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى خالىمايدۇ. ھېچكىمنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساسى يوق، شۇڭا ھېچكىم ئالدىراپ قول سالمايدۇ.

خىتاينىڭ پەن تېخنىكا ئىجادىيىتى ئاساسەن نۆل، مائارىپ سۈپىتى ئىنتايىن چەكلىك

خىتاينىڭ ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمرا، ئادەملىك ئالەم كېمىسى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى. خىتاي 1949-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ناھايىتى زور پەن-تېخنىكا ئىجادىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نۆل دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە خىتاينىڭ مائارىپ سۈپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتايلار ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تىرىشچان، بىراق خىتايلار مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەنگە قەدەر، مائارىپتا تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادكارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە ئوقۇشنى تۈگىتىدۇ. خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئەندىزىسى خىتايلارنى پەقەت «60 نومۇر ياشىسۇن» دېگەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.

 

ئەسكەرتىش:

1. بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغۇچى «جۇڭگو» دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتكەن، بىز ئۇ ئىسىمنى «خىتاي» دېگەن ئىسمگە ئۆزگەرتتۇق.

2. بۇ تېما ئاز بىر قىسىم ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلىپ، مەزمۇنىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزۈلمىگەن ئاساستا، بىر نەچچە سۆزنى تولۇقلىما قىلىنغاندىن باشقا دىققىتىڭلارغا ئەينەن سۇنۇلدى.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى

http://www.tilla.cn/news/detail/article_id/62.html

بۇ خەۋەر 115 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق