چاقماق خەۋەر

شەرقىي تۈركىستانلىقلار نەزىرىدىكى خىتاي(1)

شەرقىي تۈركىستانلىقلار نەزىرىدىكى خىتاي(1)

 

شىنمېن ياسۇشى (ياپونىيە)

ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى

 

(2)

 

«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» (مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتى دەۋرى)

 

شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن قولىغا ئالغان مانجۇلار شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قۇرۇپ،  سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىن خىتاي بىلەن ئوخشاش باشقۇرۇلىدىغان قىلىپ قويدى، ئىلگىرىكى بېقىندىلىق ئورنىدىن تېخىمۇ يېقىندىن ئىدارە قىلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى.(25) خىتاي بىلەن ئوخشاش ئىدارە قىلىش ئۈچۈن خىتايچە مائارىپنى يولغا قويۇپ، خىتايلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكىدى.(26)

ئەمما 1912-يىلى مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، موللا مۇسا قۇدرەتلىك، ئادىل دەپ مەدھىيەلىگەن «خاقانى چىن» يوقالدى. مىللەتچى خىتاي مانجۇلارنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە مانجۇلارغا تەۋە بولغان زېمىنلار ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، مانجۇلارغا تەۋە شىنجاڭ ئۆلكىسى مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى «مىلىتارىست» دەپ ئاتالغان خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. مانجۇلارنىڭ زامانىدا ئەركە ئۆتكەن ۋاڭ-گوڭ ۋە ھاكىمبەگلەر مىللەتچى خىتايلارنىڭ قولىغا قالغان بولسا، موڭغۇلىيەدىكى ۋاڭ-گوڭلار مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.(27) كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاڭ-گوڭلارنىڭ ئەينى چاغدا نېمە ئويلاردا بولغىنىغا دەلىل بولغۇدەك ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدىم.

مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ مىللەتچى خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق تەتقىقات يوق. بۇ مەزگىلگە نەزەر سالساق، 1920-1910-يىللاردا تۈركچىلىك ۋە ئىسلامچىلىقنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم زىيالىي، كارخانىچى ۋە ئۆلىمالار ئارىسىدا جەدىدچىلىك باش كۆتۈرۈپ، مائارىپتا يېڭىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلاھات ھەرىكىتى مەيدانغا چىقىدۇ. گەرچە بۇ ھەرىكەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئېقىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە 1930-يىللاردىكى قوزغىلاڭلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.(28) قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىدا زامانىۋى مىللەتچىلىك كەيپىياتى، بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن سىياسىي ئۇقۇمنى غايە قىلىش جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن زامانىۋىچىلىق، ئىسلامچىلىق، تۈركچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، ئاپتونومىيەچىلىك پىكىرلىرى گىرەلىشىپ كېتىشتەك بىر ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەنلىكتىن، سىياسىي ھەرىكەت جەھەتتىن بىرلىككە كېلەلمىگەن. «ھەممىسى ئۆزىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ»، قالايمىقانچىلىقتا تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.(29) بۇ ئارىلىقتا ئۆمرى قىسقا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە «جۇمھۇرىيەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئەمرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەدئەمىن بۇغرانى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئەسلى مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى بولۇپ، 1933-يىلى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا ئەمىر بولغان. 1934-يىلى شېڭ شىسەي تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىگە يېڭىلىپ قاچقان ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرىگە يېڭىلىپ، ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئافغانىستاندىكى مۇھاجىرلىق مەزگىلىدە يازغان. 1943-يىلىدىن باشلاپ مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتىدە پائالىيەت قىلغان. 1945-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى شىنجاڭغا كىرگەندە، كەشمىرگە ھىجرەت قىلغان. 1952-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ پائالىيەت قىلغان.

«تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن ئوخشاش تىل ۋە يېزىقتا يېزىلغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»(30)دا شەرقى تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن شېڭ شىسەيگىچە بولغان تارىخىنى بايان ئۇسلۇبىدا يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب بايان ئۇسۇلى جەھەتتە «تارىخى ئەمىنىيە»دەك ئەپسانە تۈسىدىكى شەجەرە، رىۋايەت بىلەن زىننەتلىمەستىن، تارىخىي مېتود بىلەن يېزىلغان ئورتا ئاسىيا تارىخى بولۇپ، يېڭى پىكىر بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇبتا يېزىلغان.

بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بىرىنچى ئالاھىدىلىك بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ۋەتىنى قىلىپ بېكىتىپ، تارىخىي ئىسپاتلاردىن دەلىل كۆرسەتكەن. ۋەتىنىنىڭ نۇرغۇن قېتىم خىتاينىڭ تاجاۋۇزى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. مەسىلەن: مانجۇ ئىستېلاسى ھەققىدە توختالغاندا، «ھىجرىيەنىڭ 124-يىلى (مىلادى 752-يىلى)دىن باشلاپ خىتاينىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلۇپ، 1006 يىل خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد بولۇپ، باياشات ياشىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھىجرىيەنىڭ 1172-يىلى (مىلادى 1658-يىلى)دىن باشلاپ خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى»(31) دەپ يازسا، 1860-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ ۋە قايتا ئىستېلا قىلىنىش ھەققىدە توختالغاندا، «خىتاينىڭ لەشكىرىي ئەمرى زو زوڭتاڭ ھىجرىيەنىڭ 1294-يىلى (مىلادى 1877-يىلى) ئالتە شەھەر، تۇرپان، ئۈرۈمچىنى ئىگىلىدى. ئىستېلانى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتىدى. شەرقىي تۈركىستانغا 4-قېتىملىق خىتاي ئىستېلاسى 1877-يىلى زو زوڭتاڭنىڭ زۇلمى بىلەن باشلىنىپ، 1932-يىلىنىڭ بېشىدا پارتلىغان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىنقىلابىغا قەدەر داۋاملاشتى»(32) دەپ يازىدۇ. تارىختىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىستېلاسى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى «خىتاينىڭ ئىستېلاسى ۋە زۇلمى» دەپ كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلارنى «خىتايلار» دەپ ئاتايدۇ. تۇڭگانلارنى چىندىن كەلگەن «خىتايلىق» دەپ ھۆكۈم قىلىپ،(33) ئۇلارنى «خىتايدىن كەلگەن كۆچمەن» دەپ سۈپەتلەيدۇ.(34)

بۇغرا ئەسىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مانجۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى پوزىتسىيەسى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. مانجۇلار شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر بالىلارنى خىتايچە ئوقۇتۇپ، خىتايچە مائارىپ بىلەن تەربىيەلىگەنلىكى، تىل ۋە يېزىقنى خىتايچىلاشتۇرۇشتەك «يامان غەرەز» بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيادىن يوقىتىپ، پۈتۈن يۇرتنى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىۋېلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.(35) ئۇ خىتايچە مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلۇقى ۋە مۇسۇلمانلىقىنى قوغداپ، دىنىي، مىللىي ئەنئەنىگە قەتئىي سادىقلىقىنى بىلدۈرگەن.(36) مۇھەممەدئەمىن بۇغرا مانجۇلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋاڭ-گوڭ ۋە بەگلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنسىپىنى تۇتقان» بەگلەرنىڭ ھەقىقەتەن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق دوستى» بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەنسەپ ۋە شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن «خىتاي ھۆكۈمىتى»نىڭ پېشىنى تۇتقانلىقىنى قوشۇپ قويغان. شۇڭا قوزغىلاڭ ياكى تىنچلىق مەزگىلىدە بولسۇن، كۆرۈنۈشتە «پۈتۈن خەلق خىتاينىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.(37) خەلقنىڭ يۇقىرىقىدەك ئاساسىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 1910~1920-يىللاردىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنى توختاتقۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش يولىنى توسقانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت، دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتىنى تارىخىي جەھەتتىن مۇنداق چۈشەندۈرگەندە: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق دۈشمىنىدۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەيران بولۇشىغا خىتايلارنىڭ ھېچ پەرۋا قىلماسلىقى تەبىئىيدۇر. بۇ مىللەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ئىقداماتى يۇقىرىدا مۇقەررەر ئۆتتى. مۇنداق ئىقداماتنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىدە قىلغاندەك ھال ۋە مۇستەقبەلدە ھەم قىلماقنى بىلەدۇر. بولماسنى بولۇر دەپ خىيال قىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە دوست دەپ ئويلىساقمۇ، خىتاي مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا قالغان بىر مىللەتدۇر ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلاھ ۋە تەرەققىياتىغا موھتاجدۇر. مانا مۇنداق ھالدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا نېمە ياخشىلىق قىلالىسۇن؟! بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىمراقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بوينىغا يۈكلىنىدۇ. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ سائادىتى ۋە ئىسلاھاتى ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھاجىتى ۋە ھاياتىدۇر. بۇ ھاجەت ۋە ھاياتنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقى لازىمدۇر. ئۇ تەبىئىي ھاجەت ۋە ھاياتىنى تەمىن قىلىشتىن توسىدىغان ھەر مۈشكۈلاتتىن ئېشىش ئۈچۈن جىددىي ۋە دائىمىي سۈرەتتە مەھكەم تۇرماق ۋە بىر بەلا ۋە مېھنەتنىڭ قارشىسىدا قۇتلۇق بىرلىك ۋە ھەمكارلىق بىلەن ئۇ مۈشكۈلات، ئۇ بەلا ۋە مېھنەتنى يېڭىش ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ بوينىغا چۈشكەن بىر مۇقەددەس پەرزدۇر. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلماققا يېتەرلىك غەيرىتىنى كۆرسەتتىلەرمۇ؟ مەئالىسەف، يوقسۇ. بەلكى ئۆز سائادەتلىرىنى تەمىن ئەتمەك ۋە تۇرمۇشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىپتىدائىي ۋە جۈزئىي تىرىشچانلىقلارغا قەدەم قويدىلەر. زەئىپ توسالغۇ ئالدىلىرىغا كەلگەچ ئۇ غەيرەتلىرىنى كامەلەن تەرك ئەتتىلەر ۋە پەقەت كۆڭۈللىرىدە مۇتائەسسەر بولماق ۋە ئېچىنماقتىن باشقا ئىلمىي بىر ھەرىكەت ۋە بىرلىك كۆرسىتەلمىدىلەر»(38) دەپ بايان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشالماسلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز ۋە ئىتتىپاقسىز ئىكەنلىكىنى ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇڭا خوتەن قوزغىلىڭىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزىنىڭ پىكرىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ جەريانىنى بايان قىلغاندا: «يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلانغۇچىدا شەرقىي تۈركىستان تۈرلۈك ئەسىرى قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى بىلەن دۇنيا مەملىكەتلىرىگە ئۇلىشالمىغان مەترۇك ھالدا بولۇپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە مەركەزگە ئېغىزىدىلا تەۋە بولغان خىتاي ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەسىرى مائارىپ ۋە تەربىيەدىن مەھرۇم ھالدا ئورتا چاغ (ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ) قاراڭغۇلىقىدا ياشاتۇر ئىدىلەر. ئوڭ ۋە سولنى پەرق ئەتكۈچىلىك ۋاقتىمدىن باشلاپ چىنلىق ئەمەلدارلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلماقتا بولغان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلىرىنى ۋە خەلقىمنىڭ خورلانغانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئېچىناتتىم. بۇنىڭ تەسىرىدىن تولا كېچەلەرنى ئۇيقۇسىز، خىيال ۋە ۋەسۋەسىلەر بىلەن تاڭ ئاتتۇراتتىم»(39) دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئېچىنىش سەۋەبىنى شەرقىي تۈركىستاننى بىۋاسىتە باشقۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلارغا يۈكلەپ قويغان بولسا، خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە: «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى ئومۇمەن ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ زىددىغا بولۇپ، مەركەز خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇخالىپ ۋەزىيەت ئالمىغانلىقى مەلۇمدۇر. لېكىن خىتاي مەركىزى بىلەن ئارىمىزدا مۇساپە بەك ئۇزۇن ھەم ئوتتۇرىدا دۈشمەن بار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنقىلابچىلارنى يامان كۆز بىلەن كۆرۈپ، ھەر ياردەمنى ئۈرۈمچىگە سەرپ ئەتكىنى ئۈچۈن ئىنقىلابچىلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمەن مۇناسىۋەت قىلماققا ئىمكان تاپالمىغانىدى»(40) دەپ يېزىپ، زەربە بېرىش نىشانىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان «ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دېمىسىمۇ ھازىر كوممۇنىست خىتايدا نەشر قىلىنغان كىتابلاردا 1910~1920-يىللاردا مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئاجىز بولغاچقا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ياڭ زېڭشىن ۋە جىن شۇرېن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بويسۇنماي، ئۆزىچە مۇستەقىل بولۈۋالغانلىقى دەلىللەنگەن.(41) شۇڭا مۇھەممەدئەمىن بۇغرامۇ ياڭ زېڭشىننى «مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچبىر ئەمرىنى قوبۇل ئەتمەي، شەرقىي تۈركىستاننى كامەلەن ئىمپېراتورلۇق دەۋرىدىكى ئىستىبداتى بىلەن ئىدارە قىلدى» دەپ يازىدۇ.(42) بۇ پىكىر ئىلگىرى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بايانلاردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا بۇ پىكىرلەر سەۋەبىدىن 1934-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرى سىياسىي جەھەتتىن مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇش نىيىتىدە بولغان، دېيىشكە بولىدۇ.

ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان سابىت داموللا مۇھەممەدئەمىن بۇغرا بىلەن ئىنقىلاب ئۈچۈن مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، ئەزا تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بايان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان» دېگەن قاراش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ سىياسىي مەيدانىدىكى گېزىتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىكى تارىخىي بايانلارنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي سادادۇر.

بۇغرانىڭ قوزغىلاڭ جەريانىدىكى ئىپادىسى بىلەن كىتابىدىكى پىكىرلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. بۇ بەلكىم سىياسىي ھەرىكىتى بىلەن پىكىرلىرى ئارىسىدا مەلۇم ئارىلىق ساقلىغانلىقىدىندۇر.(44) بۇغرانىڭ پىكىرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە باشقا ماقالەمدە توختىلىمەن.

4. «خاقانى چىن» ۋە «چىن»

مەن ماقالەمنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ھازىر شەرقىي تۈركىستان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار بولسا ئەزەلدىن خىتاينىڭ تارىخىدىكى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى»نىڭ بىر ئەزاسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «ۋەتىنىم» دەپ تونۇش تۇيغۇسىغا كىردى. ئەمما «تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىكى ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇيغۇرلار مانجۇ ۋە مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ۋەتەن دەپ ئېتىراپ قىلمىغان. يەنى ئۆزلىرىنى «خىتاي» دېگەن دۆلەتكە تەۋە مىللەت ھېسابلىمىغان. شۇڭا «تارىخى ئەمىنىيە»دە «خاقانى چىن» دەپ يازسا،«شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دا «چىن» دەپ يازغان. «چىن» سۆزىنى قوللانغاندا ئۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. بۇ ئىككى ئەسەردە «چىن» مۇنداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:

«تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىكى «خاقانى چىن» بولسا كاپىر «خىتاي» تارىخىنى بايان قىلغاندا تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىنى «يەتتە شەھەر» دەپ ئاتاپ، ئەزەلدىن باشقا بىر تارىخىي سىستېمىغا تەۋە دەپ ھېسابلىغان. «چىن» دۆلەت نامى ئەمەس، بەلكى يەر نامى قىلىپ قوللىنىلغان. «تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن «تارىخى ھەمىدى»دە «خاقانى چىن»نىڭ كاپىر ھۆكۈمرانلىقىنى قوزغىلاڭچىلار «غازات» قىلىپ يوقاتقانلىقى، «خاقانى چىن»نىڭ يەتتە شەھەرنى قايتا ئىستېلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى بولسا خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئاللاھ مۇرادىغا يەتكۈزگەنلىكى قىلىپ بايان قىلىنغان. ئۈمىد قىلمىغان رېئاللىقنى يوللۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە «ئادىل بولغاچقا ئاللاھ قوغدىغان» دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دا «چىن» ۋە «چىنلىقلار» يەتتە شەھەر خەلقىگە تاجاۋۇز ۋە زۇلۇم قىلغانلىقتىن، خەلقنىڭ ئىنقىلاب بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇئەللىپنىڭ قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى تەھلىلىدىن زومىگەر «چىنلىقلار»نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى كۆرۈۋالالايمىز. «خاقانى چىن» ۋە «چىن» سۆزىنىڭ قوللىنىشى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بايانىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى مۇئەللىپنىڭ تارىخىي بايان ئۇسۇلى بىلەن تارىخىي ھادىسىلەرگە بولغان باھاسى يېقىندا خىتايدا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىكى «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن چىننىڭ تارىخىدىكى بىر مىللەتتۇر»(45) دېگەن قاراش بىلەن تۈپتىن پەرقلىقتۇر.

«تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىكى تارىخىي بايانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئىككى ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى ئەسەردە ئۇچرايدىغان «مۇسۇلمان» بىلەن «خىتاي»، «تۈرك» بىلەن «چىنلىق» دەپ ئىككىگە ئايرىش ئارقىلىق، مانجۇ ۋە چىنلىقلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى «قەدىمىي تائىپە»دىن بولغان ئۆلىما بىلەن «مىللەتچى» مۇئەللىپنىڭ تارىخى باياندىكى خاراكتېرى ۋە سىياسىي مەيدانى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. موللا مۇسا مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى، «خاقانى چىن» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ھۆكۈمراننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ پائالىيىتىنى بايان قىلغان بولسا، مۇھەممەدئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىۋاتقان «چىنلىق» ۋە «چىن»نىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى بايان قىلغان. شۇڭا بۇ ئىككى مۇئەللىپنىڭ كۆزقارىشىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، مانجۇلارنىڭ دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش پەرقلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «مىللەتچى» م. بۇغرادىكى بۇنداق سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىش شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مۇسۇلمانلاردا مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«خاقانى چىن» بىلەن «چىن» ئاتالغۇسى، يۇقىرىقى ئىككى ئەسەردىكى تونۇش پەرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاجايىپ تارىخىنى چۈشىنىشكە، مىللەتچى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلەشكە، بۇ ئۈچ تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېڭىدىن تونۇشقا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئەسەرلەردىكى تونۇش ئۇسۇلى مۇئەللىپنىڭ زامانىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ تونۇشى بىلەن بىردەك دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: «تارىخى ئەمىنىيە»دىكى «كاپىر»نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوللۇقلاشتۇرۇش خاھىشى قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. يەنە «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دا مىللەتچىلىكنىڭ ئالاھىدە سىياسىي تەشەببۇسلىرى تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەينى چاغدا «مىللەتچى خىتاي جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى» ئېڭى تولۇق شەكىللەنمىگەن، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەمما بۇ ئەسەرلەرنى ئەينى زاماندىكى تارىخى كىتابلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تارىخى بايانلارنىڭ سىستېمىلىقلىقى، كۆلىمى، پىكىر ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، مۇئەللىپلەر خەلقنىڭ ئۆز تەشەببۇسى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىش تارىخىنى ئۆزىدىكى ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلغان بولسا، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىمۇ ئەينى زاماندىكى سىياسىي ھادىسىلەرگە قاتناشقان خەلقنىڭ كۆز قارىشىدىن يىراقلىشىپ كەتمىگەن بولمايدۇ. يۇقىرىقى مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىن مىللەتچى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ۋە سىياسىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

ئىزاھات:

ئەسلى مەنبەدە مىللەتچى خىتاي قۇرغان «جۇڭخۇا مىنگو»نى «چىن جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئالغان، بىز «مىللەتچى خىتاي» دەپ ئۆزگەرتتۇق. كوممۇنىست خىتاي قۇرغىنىنى «چىن خەلق جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئالغان، بىز «كوممۇنىست خىتاي» دەپ ئالدۇق. ئۇيغۇرلارنى «تۈركىي مۇسۇلمان» دەپ ئالغان، بىز ئاساسەن «ئۇيغۇرلار» دەپ ئالدۇق.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 170 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق