چاقماق خەۋەر

شەرقىي تۈركىستانلىقلار نەزىرىدىكى خىتاي(1)

شەرقىي تۈركىستانلىقلار نەزىرىدىكى خىتاي(1)

 

شىنمېن ياسۇشى (ياپونىيە)

ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى 

 

1. تېما ھەققىدە

ئورتا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي(2)نىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىلىنىپ، تارىم ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمانلار خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر قىلىنىپ ھازىرقى خىتاينىڭ دۆلەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىر ئۇلارنى كوممۇنىست خىتاينى «ۋەتەن» دەپ ھېس قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. يەنە كوممۇنىست خىتاينىڭ نەزىرىدە «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر ئەزاسى» دېگەن كەڭ تارقالغان كۆزقاراش ئۇزاقتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانمىش.

ئەمما شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە مانجۇلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، خاقاننى مەركەز قىلغان، ئەتراپىدىكى ھەرخىل مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. مانجۇلارنىڭ دۆلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ۋە تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ شەكىللەنگەن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) بۇ زېمىننى «ئەزەلدىن زېمىنىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى» دەپ قارايدۇ. بۇنداق تارىخىي جەريانلار بىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باغلاپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

لېكىن بۇ زېمىن 9~10-ئەسىردىن باشلاپ تۈركلەشكەن، ئىسلاملاشقان بولۇپ، مانجۇلار بويسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئىدى. يەنى مانجۇ ياكى مىللەتچى خىتايدىكى كىشىلەر ھەم ئۇلار ئەۋەتكەن ئەمەلدارلار نەزىرىدە تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بۇ زېمىن مانجۇلارنىڭ ئىشغال قىلىشى بىلەن مانجۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئاندىن كوممۇنىست خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مىللەتچى خىتايغا قارشى قوزغالغان قوزغىلاڭلارنى نەزەرگە ئېلىپ، ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرساق، مانجۇلار ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلە ئانچە ئاسانمۇ ئېنىقلانمايدۇ.

شۇڭا بۇ ماقالەمدە «شەرقىي تۈركىستان بوستانلىقلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ۋە كوممۇنىست خىتاي دەۋرىدە بۇ ھۆكۈمەتلەرگە قانداق نەزەر بىلەن قارىغان؟»، «مانجۇلار ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن سىياسىي سىستېمىسىغا قانداق قارىغان؟» دېگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمەن. تارىخىي جەريانلارنى خۇلاسىلىگەندە بۇ زېمىننىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالغان ھازىرقى ھالىتى، يەنى چېگرا رايونلاردىكى كۆپ خىل مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تارىخىي قاراش بويىچە چۈشەنگەندە بىرەر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسىمۇ، تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، موللا مۇسا سايرامىينىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئىككى ئەسىرى بىلەن مۇھەممەدئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلار يازغان ۋەكىللىك تارىخىي ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەر 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قوزغىلاڭدىن كېيىن يېزىلىش بىلەن بىرگە، تارىم ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قەدىمدىن باشلاپ مەزكۇر ئەسەر يېزىلغانغا قەدەر بولغان تارىخى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغاچقا، تەتقىقاتىمىزدا پايدىلىق مەنبە بولالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.

يەنە ماقالەمدىكى مۇنداق ئۈچ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ:

1. بۇ تارىخىي ئەسەرلەردە مانجۇلار ياكى كوممۇنىست خىتاي قانداق نەزەر بىلەن قارالغان؟ يەنى بۇ ئەسەرلەردە مۇئەللىپنىڭ تەسۋىرىدىكى ئۆز ماكانى ۋە خەلقىگە ئۆز «تارىخى»دا قانداق ئورۇن بېرىلگەن؟

2. مانجۇلار ياكى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق تونۇپ، قانداق باھا بەرگەن؟ بۇلار مۇئەللىپنىڭ ئۆز تونۇشى ۋە پىرىنسىپى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

3. كوممۇنىست خىتايدا «ۋەتەن»نى كوممۇنىست خىتاي دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىنى خىتاي تارىخىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇرلار زادى قانچىلىك؟ بۇنداق چۈشەنچىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا 1-، 2-نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، بۇ ئەسەرلەردە مۇئەللىپنىڭ تارىخنى بايان قىلىشتا قانداق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

 

2. «تارىخى ئەمىنىيە» (مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى(

 

تارىم ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قەدىمدە ئاساسەن ئۆز تەۋەلىكىدە بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك سىياسىي ھاكىمىيەت قۇرۇشقا ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا كۆپىنچە شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەنىدى. شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار بىلەن جەنۇبتىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھالەت ئورتا ئاسىيا تارىخىدىكى مۇھىم قانۇنىيەتتۇر. شۇڭا تارىختىكى خىتاي ھاكىمىيەتلىرى سىياسىي كۈچى كۈچەيگەندە ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنى ۋە ئاتالمىش «غەربىي يۇرت»نى ئۆزىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا كىرگۈزۈۋالاتتى. بولۇپمۇ مانجۇلار خىتايلارنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بوستانلىق ھۆكۈمرانلىرى پەقەت سالامغىلا كېلىدىغان بۇ زېمىنلارنى 18-ئەسىردە ئىستېلا قىلىپ، ئۆز تېررىتورىيەسى تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈۋالدى.

مانجۇلار بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان(3) ۋە ئەسكەرلەرنى مۇھىم جايلاردا تۇرغۇزۇپ، خەلقنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھاكىمبەگلەرگە ئىدارە قىلغۇزۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن بەگلىك تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن.(4) مانجۇلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئارىلاشمىغاندەك، يېڭىدىن شەھەر قۇرۇپ، ئايرىلىپ تۇرغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ، شەرىئەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار كاپىر مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ ئۆزىگە پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان.

مانجۇلار ئۇيغۇر بەگلەرگە ۋاڭ-گوڭلۇق ئاتىقىنى مىراس قىلىپ بېرىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئىجاد قىلغان. بەگلەرنىڭ بىر قىسمى مانجۇ خاقانىنىڭ رەسىمىگە تازىم قىلىپ، خىتايچە كىيىملەرنى كىيىپ، خىتايچە سۆزلەپ، خىتاينىڭ مەركىزىدىكى مەدەنىي ۋە سىياسىي ئالاھىدىلىكلەرنى قوبۇل قىلغانىدى.(5) ئەمما ئۇلار كاپىر ھۆكۈمدارغا ئەگەشسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى نوپۇزىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن، شەرىئەت ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش رولىنى ئوينىغان.(6)

ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىككى تەرەپلىمىلىكى، مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىغا سىڭىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلار ئارىسىغىمۇ سىڭىپ كىرىپ، ئوخشىمىغان ئىككى مەدەنىي دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقى ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىدا ئەكس ئەتكەن. شۇڭا 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارتلىغان قوزغىلاڭلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مانجۇ ئەمەلدارلار بىلەن يەرلىك بەگلەرنىڭ بىرلىشىپ، «خەلقنى قوش قاتلاپ ئەزگەن»لىكى سەۋەب بولۇپ، خەلق نەزىرىدە ھۆكۈمدارلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ ئاساسى شەكىللىنىپ بولغانىدى.(7) شۇڭا بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى بىردەمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. قوزغىلاڭچىلار ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرالىغان بولسىمۇ، ھەربىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قوقەنتتىن كەلگەن ياقۇپبەگ ھەممىنى ئولجا ئېلىپ مەززىسىنى سۈرگەن. مانجۇلار 1876-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتىپ، 1878-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئىلكىگە ئالىدۇ.(8) موللا مۇسا سايرامىينىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» بىلەن «تارىخى ھەمىدى» مانجۇلار جەمئىيەتنى تىنچىتىپ، ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىگە كەلگەن چاغدا يېزىلغان.

موللا مۇسا سايرامى ئەسلى كۇچادا مەدرىسە تاماملىغان ئۆلىما بولۇپ، 1864-يىلى كۇچادىكى قوزغىلاڭ تەرەققىي قىلىۋاتقاندا قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، ئەمەل تۇتقان. ياقۇپبەگ دەۋرىدە زاكاتچىبەگنىڭ قولىدا كاتىپلىق قىلغان. مانجۇلار دەۋرىدە پۇقرا بولۇپ ياشىغان. ئۇنىڭ ‹تارىخى ئەمىنىيە› دېگەن ئەسىرى 1905-يىلى قازاندا نەشر قىلىنغان.(9) موللا مۇسا سايرامىي يەنە «تارىخى ئەمىنىيە» ئاساسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ «تارىخى ھەمىدى»نى يېزىپ چىققان.(10) بۇ ئەسەر قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان. شۇڭا مەن ماقالەمدە «تارىخى ئەمىنىيە›«نى ئاساس قىلىپ «تارىخى ھەمىدى»دىنمۇ پايدىلىنىپ، تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىمەن.

«تارىخى ئەمىنىيە»دە ئاساسەن تارىم ۋادىسىكى بوستانلىقلاردىن يەتتە شەھەرنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالام زامانىدىن مانجۇلار قايتا قولىغا ئالغۇچە بولغان تارىخىنى تۆت بۆلۈمگە ئايرىپ بايان قىلغان. 1-بۆلۈم (دىباچە)دە يەتتە شەھەرنى مانجۇلار قايتا قولىغا ئالغۇچە بولغان تارىخنى ئەپسانىۋى ئۇسلۇبتا بايان قىلغان.(12) بۇ جەرياندا چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، خىتايدىكى سۇلالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئۇچرىمايدۇ. يەتتە شەھەرنى مانجۇلار قايتا قولىغا ئالغاندىن باشلاپ مانجۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا «خاقانى چىن»، «خاقان چېرىكلىرى» ۋە «خاقان ئەمەلدارلىرى» دېگەن ناملار ئۇچرايدۇ. «چىن» پارسچە سۆز بولۇپ، خىتاينى كۆرسىتىدۇ. «خاقان» بولسا «خان» دېگەن ئاتاق بىلەن ئوخشاش مەنىدە. «خاقانى چىن» ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، ئەمەلدارلىرى «كاپىر» دېگەن مەنىدە دەپ چۈشىنىلگەن «خىتاي» نامى بىلەن بىرگە مەيدانغا چىققان. بۇنىڭغا قارىغاندا، «خىتاي» دېگەن نام «خاقانى چىن»نىڭ چېرىكلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، «خاقانى چىن» ئاستانىسى بېيجىڭنى مەركەز قىلغان، چىنلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كاپىرلارنى كۆرسىتىدىكەن.

«تارىخى ئەمىنىيە»دە «خاقانى چىن» ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن «تاڭۋاڭخان»دىن باشقا مانجۇ خانلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشمۇ تەس. لېكىن «تارىخى ھەمىدى»دە خاقانى چىن تارىخنامىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتايلارنىڭ تارىخىدا 254 خاننىڭ 4800 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى، بىر نەچچە سۇلالە، خاننىڭ ئىسمى، سەلتەنەت يىلى ۋە خانلارنىڭ سانىنى قوشۇپ قويغان. ئاخىرقى 25-سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كىتابنى يېزىۋاتقان چاغقىچە داۋاملىشىۋاتقان خانلىقنى «بۈيۈك چىڭ» (大清) دەپ ئاتىغان.(13) سۇلالە ۋە خانلارنى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىپ، خىتاينى «كاپىر» دەپ، رەسمىي تارىخقا ئۇيغۇن ئۇسلۇبتا بايان قىلغان بولسىمۇ، يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلار ئارىسىدا قۇبلايخاننىڭ بېيجىڭنى ئىستېلا قىلغانلىقىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى «خىتاي خانلار»دىن دەپ ھېسابلىغان. ھەتتا مانجۇ خانىنى «نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ 3-ئوغلى، ياپەسنىڭ 2-ئوغلى، چىننىڭ ئوغلى، ماچىننىڭ ئەۋلادلىرى» دەپ، تۈركنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پەرقلەندۈرگەن.

بۇنداق ئەھۋال «خاقانى چىن»نى يەتتە شەھەر بىلەن زىچ باغلىغان بولۇپ، مانجۇ ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ بايانىدا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ئەھۋالى ۋە باستۇرۇلۇشى، مانجۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى ۋە «خاقانى چىن»نىڭ ئىقلىمى تەپسىلىي ھالدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «خاقانى چىن ئىقلىمىنىڭ خاقانى داۋگۇاڭ زامانلىرىدا چىن ئىقلىمىنىڭ تەۋەلىكلىرى ناھايىتى مەمۇرچىلىق، چېگرالىرى تىنچ بولغانىكەن. داۋگۇاڭ خان 32 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاندىن شىيەنفېڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا چاڭموزا دېگەن بىر گۇرۇھ خانلىق تالىشىپ، ماجىرا تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن جەڭ ۋە جېدەللەر يۈز بېرىپتۇ. شىيەنفېڭ خان 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن توڭجى خانلىق تەختىگە چىقىپتۇ. بۇ چاغدا تۇڭگانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خاننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپتۇ. توڭجى خان تەختتە ئولتۇرۇپ يەتتە يىلدىن كېيىن بۇ موڭغۇلىستان يۇرتىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى تۇڭگانلارمۇ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، خاقانى چىننىڭ مەنسەپدار ۋە چېرىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بولۇۋالدى... بۇ ئەھۋالدا ۋەزىر-ۋۇزۇرالار: ‹غەربتىكى لەنجۇسېڭ قاتارلىق نۇرغۇن يۇرتلاردا تۇڭگانلار غالىب كېلىپ، ئىگىدارچىلىق قىلىپ، يۇرت ۋە پۇقرالارنى ۋەيران ۋە خاراب قىلىۋاتىدۇ. شۇئان ئىلىخونى بېسىۋېلىپ تۇرۇپتۇ. نەنلۇ باچېڭ(14)دىكى چەنتۇلارغا غەربتىن بىر ئادەم كېلىپ، پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەتلىرىدە بۇ تەرەپتىكى دۈشمەنلىرى يوق بولدى. ئەمدى ئەزەلدىن ئۇلۇغ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن غەربتىكى يۇرتلارغا چېرىك ئەۋەتىپ قايتۇرۇۋالساق› دەپ ئۇلۇغ خانغا ئەرز قىلدى. ئۇلۇغ خان: ‹بىلدىم، ئۇنداق بولسا چېرىك بېرىپ مەزكۇر شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالسۇن. قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇرۇشقا چىقسا، ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرسۇن. مۇبادا ئۇرۇشماي ئەل بولسا، بىزگە تەۋە بولسۇن. ئاتا-بوۋامدىن قالغان بىر پۇڭ مۈلۈك، مىراس زېمىننى 1000 چېرىكىم يوق بولغۇچە سوقۇشۇپ قايتۇرۇۋالسۇن. مەن ئۇلۇغ خان ئۇششاق پۇقرالىرىمنىڭ گۇناھلىرىغا ئەپۇ قەلىمىمنى سۈرۈپ كەچۈرۈم قىلدىم› دەپ يارلىق چۈشۈردى. چىڭ جاڭجۈننى 40 مىڭ چېرىك بىلەن ئىلى تەرەپكە بېرىشقا يارلىق چۈشۈردى. لوشى(15) دارىننى 25 مىڭ چېرىك بىلەن نەنلۇباچېڭغا ئەۋەتتى. بۇ مەنسەپدارلار لەنجۇسېڭغا كەلگەندە، لەنجۇسېڭنىڭ زوڭدۇسى زوڭتوڭ(16) دارىننى 20 مىڭ چېرىك بىلەن لوشى دارىنغا قوشتى... ئاقسۇدا 50 كۈن تۇرغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ دارىن چوڭ يول بىلەن كاشىغەرگە، دوڭ دارىن(17) ياركەنتگە قاراپ يولغا چىقتى... شۇنداق قىلىپ بۇ يەتتە شەھەر خەلقى، پۈتۈن موڭغۇلىستان يۇرتى خاقانى چىننىڭ مەنسەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. شەرەپلىك ئىسلامنىڭ نۇرىنى قارا بۇلۇت توستى».

›خاقانى چىن› ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشى قىلىپ تەسۋىرلەپ، خاننىڭ ئەجدادىدىن باشلاپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زېمىن ۋە خەلقنى قايتا قولىغا ئالغانلىقىنى، مانجۇ ئىستېلاسى سەۋەبىدىن يەتتە شەھەردە ›ئىسلامنىڭ نۇرىنى قارا بۇلۇت توسقان›لىقىنى(19) بىللە يازغانلىقىغا قاراپ، مۇئەللىپتە ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ سۇس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى موللا مۇسا مەدرىسە تاماملىغان، تالىپلىقتىن كېلىپ چىققان موللا كىشى بولغاچقا، كاللىسىدا پەقەتلا «ئىسلام ئېچىش» بىلەن «جىھاد» قىلىشلا بولغانلىقتىن،(20) ۋەتەننى «خىتاي ئىقلىمى»دىن ئېنىق ئايرىمىغان. شۇڭا كاپىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تەقدىر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قوزغىلاڭدىن ئىلگىرى كاپىرلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىيالمىغان خەلق ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھتائالا كۇچالىق چەلپەكچى خوجىنى خەلققە يېڭى ھۆكۈمدار قىلىپ ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. كۇچا خوجىلىرى زۇلۇم قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، خەلق يەنە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغاندا، ئاللاھ ياقۇپبەگنى قوقەنتتىن ئەكېلىپ بېرىدۇ. ئەمما ياقۇپبەگنىڭ مىجەزى ئوسال بولغاچقا، خەلق يەنە «خاقانى چىن»نىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.(21) مۇئەللىپ بۇ تارىخىي جەريانلارنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان، دەپ ئىشىنىشكە چاقىرغان. ئەمما ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن ئادىللىق كۈتۈشىنى چۈشەنمەك تەس.

ئەمەلىيەتتىمۇ موللا مۇسانىڭ ھەر ئىككى ئەسىرىدە «خاقانى چىن»نىڭ ئادىللىقى ۋە   قۇدرەتلىكلىكى ھەققىدىكى ماختاشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ.(22) بولۇپمۇ «تارىخى ھەمىدى»دە  «خاقانى چىن»نىڭ ئادىللىقىنى ماختاپ كېلىپ، تۆمۈرلەڭنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇشقىلى يولغا چىقىپ، يېرىم يولدا ئۆلگەنلىكىدەك تارىخىي ھېكايىنى قىستۇرىدۇ ۋە «مېھرىبان ئاللاھنىڭ شەپقەت ۋە شاپائىتى بىلەن خاقانى چىننىڭ زېمىنى ۋە پۇقراسى بولۇپ، ئادىل ھۆكۈمراننىڭ ئىدارىسىدە بولۇشنىڭ خاتا ئەمەسلىكى»نى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.(23) «خاقانى چىن» كاپىر بولسىمۇ، ئادىل ھۆكۈمران بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇسۇلمان (تۆمۈرلەڭ)لارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. «خاقانى چىن»نىڭ ئادىل ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمەلدارلىرى زومىگەر، خان كاپىر بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمران بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. مۇئەللىپ «خاقانى چىن»نى ئادىل ئىدارە قىلىدۇ، دەپ غايىۋىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىغا بولغان قارىشىنى يوللۇق ھېسابلىغان. «خاقانى چىن»نى سىياسىي مەركەز، يەتتە شەھەرنى «ھۇدۇدتىكى يۇرت» دەپ قارىسىمۇ، پىكىر ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن خانلىقنىڭ ئەۋزەل كۆرگەن ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. مەسىلەن: «كاشىغەرگە كەلگەن دوڭ دارىن ئۆز دىنىغا مەھكەم، مۇسۇلمانلارغا ئاداۋىتى كۈچلۈك، غەيرەت ۋە باتۇرلۇقتا ھەممە مەنسەپدارلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاچچىقى يامان ئادەم ئىكەن... ئۇ: ئاتالىق غازىنىڭ قەبرىسىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرسۇن، دەپ كاشىغەر ئەھلىنى قىستىدى، نائىلاج قەبرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتى. دوڭ دارىن چېرىكلىرىنى ئەكېلىپ ئاتالىق غازىنىڭ گۆرىنى ئاچتۇرۇپ، ئۆلۈكىنى ئېلىپ، نۇرغۇن ئوتۇننى دۆۋىلەپ ئوت يېقىپ، جەسەتنى كۆيدۈرۈۋەتتى. خالايىق ھېچقانداق ئىلاج قىلالمىدى... خىتايلار ئاتالىق غازىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ‹بىر ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ياخشىلىقى كۆپ، يامانلىقى ئاز بولسا، ئۇنىڭ جېنى بىر ئايالنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۇنياغا قايتا تۆرىلىپ كېلىدۇ. مۇبادا ياخشىلىقى ئاز، يامانلىقى كۆپ ۋە ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ قەرزى جىق بولسا، ئات ياكى ئېشەك بولۇپ بۇ دۇنياغا قايتا تۆرىلىپ خىزمەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلىدۇ ۋە يەنە قايتا ئادەم بولۇپ تۆرىلىپ بۇ دۇنياغا كېلىدۇ. ئەگەر ئۆلگەن ئادەمدە كىشىلەرنىڭ ھەققى ئازراق بولسا، بۇ دۇنياغا توخۇ بولۇپ تۆرىلىپ، تۇخۇم تۇغۇپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ، ئادا قىلماي ئىلاجى يوق› دېگەن كۈچلۈك بىر ئېتىقادى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خاتا بولسىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىدىغانلىققا ئۇلارنىڭمۇ ئىشىنىدىغانلىقى بۇنىڭدىن مەلۇمدۇر. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگۈچى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىدۇر».(24)

جەسەتنى كۆيدۈرۈش ئىسلامدا چەكلەنگەن بولغاچقا، كاپىر ھۆكۈمراننىڭ مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشىنى خىتاينىڭ تەپەككۇرى ۋە روھ قارىشىنىڭ خاتالىقى دېگەن چۈشەنچىسىنى قوشۇپ قويغان. سوغۇققانلىق بىلەن يېزىلغان بۇ خاتىرىدە «ئىسلامدىكى ئىلىم بىلەن ئادەمنىڭ بىلىملىك بولىدىغانلىقى»نى ئىپادىلىگەن.

(داۋامى بار)

ئىزاھات:

ئەسلى مەنبەدە مىللەتچى خىتاي قۇرغان «جۇڭخۇا مىنگو»نى «چىن جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئالغان. بىز «مىللەتچى خىتاي» دەپ ئۆزگەرتتۇق. كوممۇنىست خىتاي قۇرغان ھاكىمىيەتنى «چىن خەلق جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئالغان، بىز «كوممۇنىست خىتاي» دەپ ئالدۇق. ئۇيغۇرلارنى «تۈركىي مۇسۇلمان» دەپ ئالغان، بىز ئاساسەن «ئۇيغۇرلار» دەپ ئالدۇق.

 

 

بۇ خەۋەر 297 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق