چاقماق خەۋەر

قېرىنداشلىرىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتتىڭىز؟

قېرىنداشلىرىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتتىڭىز؟

باتۇخان چولاق

 ئىقتىسادى كۈچلۈك، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر نوپۇسقا ئىگە، خەلقئارالىق بازاردا تەسىرى كۈچلۈك بىر دۆلەت...

مەن خىتاينى دېمەكچىمەن. كۈندىن-كۈنىگە كۆپلىگەن ساھەلەردە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا (تارىخى) كۆپلىگەن جىنايى قىلمىشلار بىلەن تولغان خىتاينى دېمەكچى بولىۋاتىمەن.

كوممۇنىست پارتىيەسىدىن ئىبارەت پەقەت بىرلا پارتىيە بىلەن باشقۇرۇش، دۆلەت تېرورلۇقى، ئۆزىدىن باشقا ھەممىگە دۈشمەنلىك قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش... مانا بۇلار خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن مەخپىي تۇتۇۋاتقان، يوشۇرۇۋاتقان كۆرۈنمىگەن يۈزى...

خىتايدا «تۈركلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» بىر دۆلەت سىياسىتى ھالىتىگە كەلدى.

ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇ زېمىندىكى تۈرك خەلقىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھەرخىل بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ زېمىنغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دەپ ئىسىم قويۇشتى. ئەزان ئېيتىشتىن تارتىپ روزا تۇتۇشقىچە، پەرزەنتلىرىگە تۈركچە ئىسىم قويۇشتىن تارتىپ ساقال قويۇشقىچە بولغان كۆپلىگەن ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ چەكلەشتى. بۇلاردىن باشقا يىغىپ تەربىيەلەش نامى ئاستىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئىنسان ئەخلاقىغا ھېچقانداق ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان چەكلەش سىياسەتلىرى...

ئۆتكەن ئايلاردا دۇنياغا تونۇلغان، تۈركىيەگىمۇ كەلگەن خەلق سەنئەتچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن ئىدى، ھەممىمىز غەزەپلەندۇق. تېخىمۇ يامان تەرىپى، خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقى ئىدى. چۈنكى ئۇ رايوندىكى تور، تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقىنى ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى.

كېيىن خىتاي ئەلچىسى: «بۇ خەۋەر يالغان، بىز ئابدۇرېھىم ھېيتنى خەلقىمىزگە پايدىلىق بىر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تەربىيىلەش لاگېرىدا تەربىيەلىۋاتىمىز» دېدى.

(بىز مانا مۇشۇنداق) دۇنياغا داڭلىق بىر خەلق سەنئەتچىسىنى «تەربىيەلىۋاتىمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ جازا لاگېرىدا ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دەرىجىدە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغان بىر دۆلەتتتىن سۆز ئېچىۋاتىمىز.

شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئاجايىپ زور ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ ھەتتا خەۋىرىمىزمۇ بولمايۋاتىدۇ. ئۆتكەندە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ قاراغوجا دېگەن يېزىسىدا پەرھات ئىسىملىك ئۈچ ياشلىق بىر بالا سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى. كېيىن بۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭمۇ، ئانىسىنىڭمۇ جازا لاگېرىغا سولاقلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھازىر خەلقئارادىكى بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. بۇ خەۋەرلەردە تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى، يەر ئاستى، قاراڭغۇ ئۆيلەرگە سولىۋېتىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ پىلانلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

خىتاي بۇ ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن رەزىل پىلانلار تۈزۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئالداشقا باشلىدى. خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە يېقىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەر خىل ياردەم ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، يەنىلا خەلقئارادا يالغۇز قېلىشتىن، يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن، ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىپ كېتىشىدىن ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىنىشقا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

خىتاي دەسلەپتە ئىنگلىزلارنىڭ BBC قانىلىنى تەكلىپ قىلدى. BBC نىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىلىق ئىشلىگەن خەۋىرى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، كىشىنى بەكمۇ ئويغا سالاتتى. خەۋەردە خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە پەقەت بىرلا لاگېرغا كىرىشكە رۇخسەت قىلغانلىقى، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى ماشىنا ئادەملەردەك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۇلار باشقا جازا لاگېرلىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىدا لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھودۇقۇپ كېتىشكەنلىكى، باشقا ئۆيلەرنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا بولسا ھەتتا ئىشىكنىڭ يېنىغىمۇ يېقىن يولاتمىغانلىقى ئېيتىلغان. دېمەك، خىتاينىڭ ئارقا ئىشىك قىلىپ بەرگەن پۇلى BBC مۇخبىرلىرىغا تەسىر قىلالمىغاچقا، لاگېرلارنىڭ قانداق ئورۇن ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارىلانغان.

سىز ئۇلارنىڭ تەربىيىلەش لاگېرلىرى دېگەن گېپىگە ھەرگىزمۇ ئىشىنىپ قالماڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، تىكەنلىك سىم-توساقلار بىلەن كۈچەيتىلگەن ھەقىقىي جازا لاگېرلىرىدۇر. ئەمما خىتاي BBC گە قىلدۇرالمىغان ئىشلارنى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش تاراتقۇلىرى چەكلىك، توغرا-خاتالىق ئۆلچىمى ۋە مەيدانى يوق كىشىلەرگە قىلدۇرالايدۇ.

ئالدىنقى كۈنى «ئايدىنلىق» (Aydınlık) گۇرۇپپىسى پوچتا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ژۇرنىلىنى (بۇ تۇنجى قېتىملىقى) مېنىڭ ئادرېسىمغا ئەۋەتىپتۇ. كېيىن تەكشۈرۈپ كۆرسەم، ئۇلار بۇ ژۇرنىلىنى يەنە كۆپلىگەن ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغىمۇ ئەۋەتىپتۇ.

مەن بۇ ژۇرنالنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ ھەيران قالدىم. چۈنكى ژۇرنال ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ، بېشىنى ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان دەرىجىدە تامامەن يالغانچىلىقلار بىلەن تولغان ئىدى.

ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يېزىلغانلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە؛

«تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بۆلگۈنچى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش» "Türkiye ve Çin'in güvenliği ve refahı için Ayrılıkçı ve dinci teröre karşı ortak mücadele"

«ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پىلانى» "ABD'nin Doğu Türkistan projesi"

«شىنجاڭدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىقتىساد 66 يىلدا 300 ھەسسە ئاشتى» "Sinciang'da kişi başı gelir 66 yılda 300 kat arttı"

«تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)دىن ئىمپورت قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بىر دەۋا» "Türkiye'de Uygur sorunu bir NATO imalatı"

«(تۈركىيەدە) ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان بىر مەركەز قۇرۇلدى» "İsa Yusuf Alptekin ile ayrılıkçı merkez kuruldu"

«بىر ئۇيغۇر قىزى مېنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى»"Bir Uygur kızı beni dansa davet etti"

«خىتاينى خىتاي قىلغان (ئۇنىڭدىكى) مىللەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىدۇر»"Çin'i Çin yapan etnik çeşitliliğidir"

«تۈركچە سۆزلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىلا تۈرك ئەمەس»"Her Türkçe konuşan Türk değildir"

«خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەققىنى قوغدايدۇ» "Çin anayasası etnik azınlık haklarını korur"

«خىتايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى» "Çin milleti kavramı"

«يىپەك يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىد مەنبەسى» "İpek yolu Uygurların umut kaynağı"

«شىنجاڭدا زامانغا ماسلىشىش ھەرىكىتى»"Sinciang'da çağdaşlaşma atılımı"…

دېمەك، بۇلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۆتمۈشتە قالغان ماۋزېدۇڭ ئېڭىدىكىلەر يەيدىغانغا نان تاپالمىغانچە ھەممىسى بىرلىكتە خىتايغا يۆلىنىشكە باشلىغان. ئۇلار مانا مۇشۇنداق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى «تېررورىست»، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاي دائىرىلىرىنى بولسا «زامانغا ماسلاشقان» دەپ چۈشەنگەن.

بىز ئەقىل بىلەن ئەمەس، پەقەت پۇلنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا قارار قىلىدىغان بۇ خىل كاللىدىكى ۋىجدانسىز كىشىلەرنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز.

ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مائاشىنى بەرمەي، «پات يېقىندا خىتايدىن ئىنتايىن كۆپ پۇل تاپشۇرۇپ ئالىمىز» دەپ ئېلان قىلغانلار بۇ پۇلنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىسۇن!

 (قېنى ئېيتىڭلار!) ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى قانچە پۇلغا ساتتىڭلار؟

 

 تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 353 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق