تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاي تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشى مۇمكىن
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې ئالدىنقى ھەپتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتىكى بېسىمدىن دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن، تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ چارشەنبە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، تەيۋەن تەرەپنىڭ يالغان-ياۋىداقلار بىلەن خەلقنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ما شياۋگۇاڭ يەنە ئۈچ تەيۋەن پۇقراسىنىڭ بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پىروفېسسور شى جىڭپىڭ قاتارلىق بۇ ئۈچ كىشى بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئىزچىل ئىز-دېرىكى بولمىغان.
يېقىندىن بۇيان تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتايغا بارغان تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسىدىن 149ى يۈز بەرگەن. تەيۋەن دائىرىلىرى خىتايغا ۋە خوڭكوڭغا ساياھەتكە بارغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.