چاقماق خەۋەر

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆز خاتىرىسى

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆز خاتىرىسى

دوكتور ئۆمەرجان نۇرى

(ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئاسپىرانتى) 

 

خىتايلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا رۇسلارنىڭ مانجۇرىيەگە بېسىپ كىرگەندە خىتاي بالىلارنى كاۋاپ قىلىپ يېگەنلىكى، خىتاينىڭ كىلاسسىك رومانى «سۇ بويىدا»دا ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ يېگەنلىكى ھەققىدىكى دەھشەتلىك بايانلار بار. ھەقىقەتەن خىتايلار ۋە رۇسلارنىڭ ئادەم گۆشى يېگەنلىكىگە دائىر يازما-ماتېرىياللار نۇرغۇن. شۇڭا خىتايلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى يېگەنلىكىنى رىۋايەت دەپ قالماڭكى، ھەتتا خىتايلارنىڭ ياركەنتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكى ھەققىدە يازغان ئۆز خاتىرىلىرىمۇ بار.

1757-يىلى 4-ئايدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن ئىنىسى خوجا جاھان كۇچاردا مۇستەقىللىق جاكارلىغان(1)دىن كېيىن، مانجۇلار ئۇلارغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىدۇ. 1758-يىلىنىڭ ئاخىرى قىشتا مانجۇ سانغۇنى جاۋخۇي لەشكەر باشلاپ ياركەنتگە كەلگەندە، خوجا جاھاننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ياردەمسىز ھەم ئاچ قالغان جاۋخۇينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان لەشكەرلىرى مانجۇ قارارگاھىغا يېقىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. بۇ ۋەقە جاۋ يى ئىسىملىك خىتاينىڭ «يەن باۋ زا جى» دېگەن خاتىرىسى(2)نىڭ «قاراسۇ بارگاھى» دېگەن بابىدا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ.

«قاراسۇ بارگاھى مۇھاسىرىسى»: قاراسۇ بارگاھىنى مۇھاسىرە قىلىۋالغاندا لەشكەرلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق يەردە قامىلىپ قالىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن پۈتۈن قوشۇن ياردەمگە كەلگەندە قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. بۇنداق مۆجىزە ئەلمىساقتىن بېرى بولۇپ باقمىغان. ئەسلىدە سانغۇن جاۋ خۇي ياركەنت تەۋەسىگە كىرىدۇ. دۈشمەن كۆپ، لەشكەرلىرىمىز ئاز ھەم ئاتلىرىمىز ھېرىپ جەڭگە يارىمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، بىر كەنتنى ئىگىلەپ، خەندەك كولاپ، تام سوقۇپ مۇداپىئەلىنىدۇ. بۇ يەر «قاراسۇ بارگاھى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇداپىئە ئۈچۈن كولىغان خەندەك تېيىز، سالغان تام پاكار بولغاچقا، ئوغرىلار پىيادىمۇ بېسىپ كىرەلەيتتى. شۇڭا كېچىلىرى ھۇجۇم قىلىپ، لەشكەرلىرىمىزنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. لەشكەرلىرىمىزمۇ ھايات قېلىش ئۈچۈن ئوغرىلارنى كۆپ قىرىۋېتىدۇ. ئوغرىلار لەشكەرلىرىمىزنىلا ئۆلتۈرۈپ، (ئۆزى چىقىمدار بولماسلىق ئۈچۈن) ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىپ، بىر بارگاھ سېلىپ، لەشكەرلىرىمىزنى ئۇزۇن مۇددەت قورشىماقچى بولىدۇ. خۇددى لياڭ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتالمىش شەھەر قورشاشقا ئوخشاش لەشكەرلىرىمىزنى قورشاپ، ئاشلىقىنى يەپ تۈگەتكۈزۈپ، ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. لەشكەرلىرىمىز قېچىش ئۈچۈن قۇم دۆۋىسىنى كولاپ كېتىۋاتسا، (ياركەنتلىكلەر ئاچارچىلىق بولغاندا پايدىلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇپ قويغان) نەچچە يۈز دەن ئاشلىقنى تېپىۋالىدۇ. بۇ ئاشلىق بىلەن بىر مەزگىل جېنىنى باقىدۇ. ئوغرىلار دەريانى توسۇپ، سۈيىنى بارگاھقا قويۇۋېتىدۇ. لەشكەرلىرىمىز سۇنى تۆۋەنگە باشلاپ، زاپاس سۇ قىلىپ پايدىلىنىدۇ. ھەتتا قۇدۇق كولىغانلىكى يەردىن سۇ چىقىدۇ. بارگاھ قىلىپ ئىگىلىگەن يەرنىڭ ئەتراپىدا توغراق ناھايىتى جىق بولغاچقا، ئوتۇندىن قىلچە قىسىلمايدۇ. ئەمما ئوغرىلار قۇش مىلتىقى بىلەن لەشكەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ. مىلتىقىنىڭ ئوقى يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى. ھەر بىر دەرەخ كەسكەندە، ئوغرىلار دەرەخكە قارىتىپ ئوق ئاتسا، لەشكەرلىرىمىز ئوق ئاتقانلارغا زەربە بېرەتتى. مۇداپىئەلىنىش ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى ئاشلىق تۈگەپ، لەشكەرلەر ئات-ئۇلاغلارنىمۇ يەپ تۈگىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر پۇرسەت تاپسىلا (بارگاھقا يېقىن يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان) ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئەكىرىپ ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. بەزىدە ئەر-خوتۇنلارنى تۇتۇۋالسا، ئاۋۋال ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى خوتۇنىغا پىشۇرغۇزۇپ يەيدۇ. كېچىسى ئۇ خوتۇننى ھەممىسى خوتۇن قىلىدۇ. ئەتىسى ئېرىنىڭ جەسىتىنى يەپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇننى ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. تۇتۇۋېلىنغانلار پىشۇرۇلۇۋاتقانلارغا ئۈن چىقارماستىن قاراپ تۇرىدۇ. بىر ئەلەمدار ناھايىتى بېخىل بولۇپ، چاغان ھارپىسى كۈنى مىڭ گوڭرۈي، چاڭ گوڭجۈن قاتارلىقلار ئۇنىڭ چېدىرىغا بېرىپ پاراڭلىشىپ، لەشكەرلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى بارمىقى بىلەن ھېسابلاپ، يەنە ئون كۈندىن كېيىن ھەممەيلەننىڭ ئەرۋاھقا ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئاھ ئۇرىدۇ. ئۇ ئەلەمدار ماختىنىپ: ‹سۇجۇ ئايمىقىدىن يولغا چىققاندا نازۇ-نېمەتلەر بىلەن ئۇزاتقانىدى. ئاشقان-تاشقان دادۇر-خاسىڭنى ئېلىۋالغانىدىم، ھېلىمۇ بەلبېغىمدا ساقلاۋاتىمەن› دېيىشىگە ھەممەيلەن چۇقۇرىشىپ ئالغۇزۇپ، بىللە شۈمۈپتۇ. بۇ چاغدا ئۇلار ئېغىزىغا دانلىق نەرسە سېلىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا، خۇشلۇقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇلار تويۇپ قايتىپ، ئۆزئارا: ‹ناۋادا ئەلەمدار بېگىم ساقلاپ قويمىغان بولسا، نېمە بولاتتۇقكىن تاڭ!› دېيىشىپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىشىدۇ. ئۇلار 10-ئاينىڭ بېشىدا قورشاۋدا قالغاندىن بېرى ئارىدىن 100 كۈندەك ئۆتكەن بولسىمۇ، ھايات قېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ۋاقىتتا خانلىق يۆتكىگەن لەشكەرلەر يېرىم يولغا چىقىدۇ. فۇ سانغۇن، شۇ مەسلىھەتچى ئامبال ھەمدەمچى لەشكەرلەرنى باشلاپ ئاتلىنىدۇ. ئەلەمدار بەگ گو يىئا باشلاپ كەلگەن تۆگە-ئاتلىق قوشۇنمۇ يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، جەڭگە كىرىشىدۇ. جاۋ سانغۇنمۇ بارگاھتىن بۆسۈپ چىقىپ، ئوغرىلار بىلەن جەڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەپەر قۇچۇپ قايتىدۇ. بۇ ۋەزىپىدە ۋەتەندىن تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتا 100 كۈندىن ئارتۇق قورشاۋدا قېلىپمۇ، بىرمۇ ئادەمنى زەخمىگە ئۇچراتماي، پۈتۈن قوشۇننى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلەلىشى ئەلنىڭ ئاسماندەك بەختى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە سولۇن (داغۇر) لەشكەرلەر ۋاقتىدا يۆتكەلمەي، كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا قوشۇنىمىزنىڭ تەلەيلىكلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇ يىلى ئۇيغۇر زېمىنىنى تولۇق بويسۇندۇرۇپ بولدۇق».

ئەسلى تېما ئاخىرىغا قويۇلغان تۆۋەندىكى سۈرەتكە «مانجۇ پادىشاھى چيەنلۇڭ پەرمان بىلەن سىزدۇرۇپ، پارىژدا مىس تاۋاقتا باستۇرۇپ ئەكەلدۈرگەن ‹غەربنى بويسۇندۇرۇش› تېمىسىدىكى رەسىملەردىن بىرى بولمىش ‹قاراسۇدا مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇش›نى تەسۋىرلىگەن رەسىم ھازىر بېيجىڭدىكى خان سارىيى مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.

يۇقىرقى سۈرەتتىن كېيىن يەنە خىتاي شائىرى كۇڭ زىچېننىڭ ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى تەرجىمە قىلغان «ياتلارنىڭ تارىخىنى يوقىتىش نەزەرىيەسى» رەسىمگە ئايلاندۇرۇلغان ھالدا قويۇلغان.

 

ئىزاھات:

(1) بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى پاتۇرخان دۆلىتى بولۇپ، 1753-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى خوجا جاھان تەرىپىدىن ياركەنتتە قۇرۇلغان. يەنە «كۇچاردا قۇرۇلغان» دېگەن قاراشمۇ بار. خوجا جاھان 1724-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىپارخان (1734-1765)نىڭ ئېرى. باتۇرخان دۆلىتى 1759-يىلى 9-ئايدا مۇنقەرز قىلىنغان. «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر»، 1-قىسىم، 277-بەت.

(2)  趙翼: 《簷曝雜記》,卷一,中華書局,1982,18-19页。

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 276 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق