ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ خەتەرلىك ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئاۋسترالىيە خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا خەتەرلىك ھالدا يورۇتۇش بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس 6-مايدىكى باياناتىدا خىتاي ئارمىيەسى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئاۋسترالىيە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل خەتەرلىك ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ 4-ماي يۈز بەرگەنلىكى، ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «HMAS Hobart»نىڭ سېرىق دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالى كورىيەگە قاراتقان جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ J-10 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش يولىغا كىرىۋالغان بولۇپ، تىك ئۇچاردىن تەخمىنەن 300 مېتىر يىراقلىقتىن كۆپ قېتىم يورۇتۇش بومبىسى ئاتقان. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى يورۇتۇش بومبىسىغا سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى: «ھەم بىخەتەر بولمىغان، ھەم كەسپىي بولمىغان بىر ھادىسە» دەپ سۈپەتلەپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2024 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق