ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5-ماي ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ماكرون تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىش تىياتىر شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نامايىشتا ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىلاكاتلار كۆتۈرۈلگەن.

بۇ جەرياندا خىتايلار نامايىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرگەن بىر گۇرۇپپا خىتايلار قالايمىقان توۋلاپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلىنىۋاتقان تىياتىرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. يەنە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان نامەلۇم كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىشقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان تىبەتلەرمۇ شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 5-ماي چۈشتىن كېيىن جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا توپلانغان تىبەتلەر «ياشىسۇن ھۆر تىبەت» دەپ شوئار توۋلاشقان.

شى جىنپىڭ 5-مايدىن 10-مايغىچە فىرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1466 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2024 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق