چاقماق خەۋەر

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى: خىتاينىڭ سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى: خىتاينىڭ سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ھەزەر قىلىڭ

-29ئىيۇن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ئەھمەد ئەزەم فېيىسبۇك سەھىپىسىدە يوللىغان «خىتاينىڭ سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ» دېگەن ئۇچۇرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى  ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتىن كېيىن ئىسلام بىرلىك تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئەھمەد ئەزەمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .
ئەھمەد ئەزەم فېيىسبۇك سەھىپىسىدە ئاۋسترالىيە ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى, شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ, «خىتاي سىزنى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە دەۋەت قىلسا, قەتئىي قوبۇل قىلماڭ «. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق كىشى بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز خىتاي سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ »دېگەن ئۇچۇرلارنى يوللىغان.

بۇ خەۋەر 262 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق