چاقماق خەۋەر

ئۇ بىر دىنىي ئالىم، ھەربىي قوماندان، تارىخشۇناس ۋە سىياسىيون ئىدى

ئۇ  بىر دىنىي ئالىم، ھەربىي قوماندان، تارىخشۇناس ۋە سىياسىيون ئىدى

 

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 54 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇ بىر رەھبەر، دىنىي ئالىم، ھەربىي قوماندان، تارىخشۇناس ۋە سىياسىيون ئىدى.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1901-يىلى خوتەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فەرىددىن ھاجىم خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەدئەمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى 1860-يىللاردا خوتەن دىيارىدا ھۆكۈم سۈرگەن خوتەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراھمان پاشانىڭ نەۋرىسى سېكىنە بانۇ خانىمدۇر.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسىلەردە دىنىي ئىلىم ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. 1922-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئۈستۈن ئىلمى قابىلىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنى زاتلىرىغا بېرىلىدىغان «ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن ئاتىلىدۇ.

ئۇ 1930-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاينىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھىي ھالىتى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆزىتىدۇ. دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر سابىت داموللام (1883~1941) قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلىشىدۇ. نەتىجىدە خىتاي ئىشغالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋەزىيىتىدە «قوراللىق مىللىي ئىنقىلابتىن باشقا چارە يوق» دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1930-يىلى خوتەندە «مىللىي ئىنقىلاب كومىتېتى» تەشكىلاتىنى مەخپىي قۇرۇپ چىقىدۇ.

-1933يىلى 2-ئاينىڭ 24- كۈنى مۇھەممەدئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت دەموللام ئۆز ئادەملىرىنى قوراللاندۇرۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى خىتاي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قازىنىدۇ. نەتىجىدە 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەندە «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا شۇندىن باشلاپ «ئەمىر ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن، چەتئەلدە بولسا «خوتەن ئەمىرى» دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1934-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مىلىتارىست تۇڭگان ماجۇڭيىڭنىڭ ھۇجۇمىدا مەغلۇب بولۇپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىدۇ. 1940-يىلى ئافغانىستاندا ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن ئۇچرىشقان   مۇھەممەدئەمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، بىر پىكىرگە كېلىشىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1942-يىلى ھىندىستاننىڭ پېشاۋار شەھىرىگە كېلىدۇ. بۇ قېتىم كالكۇتتىدىكى خىتاي ئەلچىسى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەدئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ۋە چاپسانراق خىتايغا كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە 1942-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى ئۇنى «خەتەرلىك ئۇنسۇر» دەپ قولغا ئېلىپ، پېشاۋار مەركىزىي تۈرمىسىگە قامايدۇ. ئۇ 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتايغا بېرىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1945-يىلىغا قەدەر چۇڭچىڭ (خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى)دا تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، سىياسىي مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارىدۇ. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق داۋاسىنى تونۇشتۇرىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ كېلىشىدىن ئىلگىرى خىتايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەپداشلىرىدىن مەسئۇت سابىرى بايقۇزى (1887-1952)، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن (1901-1995)، قادىر ئەپەندى سامانى ۋە ئىسمائىل ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن «يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، سىياسىي ساھەدە بىرلىكتە كۈرەش قىلىدۇ. خىتاي خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى مىللەتچى خىتاي پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «خىتاي چوڭ مىللەتچىلىك» سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ نەشرىيات، ئاخبارات ئورگانلىرىدا، خىتايچە چىقىدىغان گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ.

 مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1943-يىلى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لايىھىسىنى سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى «شەرقىي تۈركىستان»، دەپ تۈزىتىشىنى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1945-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركستانغا كېلىدۇ ۋە ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خىتايدىن قايتىپ كەلگەن سەپداشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بىرلىكتە «ئالتاي ژۇرنىلى» ۋە «ئەرك» كۈنلۈك گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەدئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسى»نى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىنى تاماملايدۇ

-1949يىلى خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلارنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1952-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي قارارنامە ماقۇللاپ، 1850 شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي پانالىق تىلىگۈچىلەرنىڭ (بۇلاردىن مىڭدىن كۆپرەكى قازاقلار ئىدى) رەسمىي كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنى قوبۇل قىلىدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1952- يىلى تۈركىيىگە كېلىپ، تۈركىيەدە يەرلىشىپ قالىدۇ. ئۇ 1952-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغدات، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ.

ئۇ 1953-يىلى ئىستانبۇلدا تۈركچە «تۈركىستان» ئىسىملىك ئايلىق ژۇرنال چىقىرىدۇ. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەن داۋاسىنى، كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىدۇ. 1956-يىلى تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا «تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىدۇ. ئەرەب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ «ئازادلىق رادىئوسى» ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق رادىئولاردىن سۆزلىگەن تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە نۇتۇقلىرى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە پۈتۈن دۇنيادا ياڭراشقا باشلايدۇ.

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولىدۇ.

 

مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلار يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ۋە قىلمىغان ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلىرى 1400 مىسرادىن ئاشىدۇ.

ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق تارىخىي كىتابى، «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «مۇستەقىللىق دەۋاسى ۋە خىتاي سىياسىتى»، «تۈرك يۇرتلىرىدا ئەرەب-ئىسلام فەتىھلىرى»، «شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست ئاپتونوم رايونىنى رەت قىلىدۇ» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى بار بولۇپ، 2015-يىلى مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

 

بۇ خەۋەر 594 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق