چاقماق خەۋەر

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان گۇلاگ لاگېرلىرى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان گۇلاگ لاگېرلىرى

ئاتىللا يايلا

(2019.05.18)

 

گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىست ئىدىيەسىنى رەت قىلغان زىيالىي، يېزا خەلقى، باشقا مىللەتلەر ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سولايدىغان بىر قىسىم جازا لاگېرلىرى ئورۇنلاشقان بىر ئارال ئىدى. دۇنيا خەلقى گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىنى ۋە ئۇ جايدىكى ئىنسانلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئالېكساندىر سولجېنىتسىننىڭ «ئەينەك» ئىسىملىك ئەسىرىدىن بىلدى.

گۇلاكقا ئوخشاش جازا لاگېرلىرى يالغۇز سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا كۆرۈلمىدى. ناتسىست گېرمانىيەسى ئاساسلىقى يەھۇدىلارنى تۇتۇپ قىرغىن قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان جازا لاگېرلىرىغا ئىگە ئىدى. بۇلاردىن باشقا بارلىق كوممۇنىست دۆلەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرى قۇرۇلدى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ سولايدىغان جازا لاگېرلىرى پەيدا بولدى. بۇ جايدا تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ئىنسان ئەخلاقىغا زىت بولغان مۇئامىلىلەر قىلىنىدۇ. بەكمۇ ئەپسۇسكى، بۇ جازا لاگېرلىرى تۈركىيەدىمۇ، دۇنيادىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى.

ئۆتكەن ئايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ۋە ۋاشىنگتونغا ئورۇنلاشقان كاتو (CATO) ئىنستىتۇتىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم. ئۇنىڭ نەق مەيداندىن قىلغان سۆزلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلىيالايسىلەر:

 https://www.cato.org/events/the-new-gulag-achipelago

 

مېنىڭ ھايات قىسسەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن دۆلەت سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە مەن يېڭىدىن تەربىيەلەش لاگېرىدا تۇغۇلدۇم. ھامىلدار ئانام يەنە يېڭىدىن تەربىيەلەش لاگېرى (ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش)غا سولانغان ۋاقتىدا دادام يەنە بىر جازا لاگېرى (ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش)دا ئىدى. ئانام ناھايىتى كۆپ جاپا چەككەن بولۇپ، مەن تۇغۇلغان ۋاقتىمدا مېنىڭ ھايات قېلىشىمغا كۆزى يەتمىدى.

 ماۋزېدۇڭ ئۆلۈپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ قارىغان زاماننى باشتىن كەچۈردى. 1980-يىللىرى مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بولغان ۋاقىتلىرىم بولۇپ، بۇ يىللاردا نىسبەتەن ئەركىنلىك ۋە ئىقتىسادتا ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرمە ۋە ھەرخىل جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەر قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى. ئۇنىۋېرسىتېتلار قايتا ئېچىلىشقا، مەشرەپكە ئوخشاش ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئىسلام دىنىدا مۇھىم دەپ قارىلىدىغان كۈنلەردە دادام بىلەن بىرلىكتە دىنىي سورۇنلارغا بارغانلىقىمنى ئەسلىيەلەيمەن. مەن بىر ئۆسمۈر بولساممۇ ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئىنسانلارنىڭ نورمال ھاياتىنىڭ نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىنى چىن يۈرىكىمدىن تونۇپ يەتتىم.

بۇ ئالتۇن دەۋر بىر سىياسىي بېسىم دولقۇنى يول ئاچقان 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىغىچە داۋاملاشتى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 1990-يىللاردا داۋاملاشقان تامامەن يېڭى بىر سىياسىي مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي قايتىدىن «قاتتىق قول بولۇش، تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش» دەپ ئىسىم قويۇلغان قاتتىق بېسىم سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى «ئۈچ شەيتانىي (ناچار) كۈچ» دەپ ئاتىغان نەرسىنى باستۇرۇش بولۇپ، بۇلار: بۆلگۈنچىلىك، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدى. بۇ دەھشەتلىك باستۇرۇشتا سانسىزلىغان ئالىملار، تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، شائىر، مۇزىكانت، ئوقۇغۇچى ۋە ئاددىي خەلقلەر ئىشسىز قالدى، تۈرمىلەرگە ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالدى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر «جىنايىتى» ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر كىملىكىگە سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئىدى. شۇنداقلا دىنىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە ۋە ئۆز بېشىمچىلىقلار بىلەن تولغان ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىدى.

ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ۋەقەدىن كېيىن بىردىنلا خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىسلامىي تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يېزا خەلقى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تاكاللىشىشلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئەمدى «بۆلگۈنچىلىك»نىڭ ئىسپاتى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا «خەلقئارالىق تېررورىزم» ئالماشقان ئىدى. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»غا ئاساسلانغاندا 2005-يىلى 18 مىڭ ئۇيغۇر «دۆلەت بىخەتەرلىكى» باھانىسى بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بۇرۇندىن تارتىپلا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىدى. تونۇلغان ناخشىچىلار ۋە شائىرلار ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالدى. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى چەكلەندى. ئون مىڭلىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلدى. بۇ ئەھۋال 2001-يىلىدىن 2008-يىلى (توغرىسى 2009-يىلى-ت) 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگىچە داۋاملاشتى.

2009-يىلىدىن باشلاپ بارلىق كونتروللۇق ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇدا ئالتە ئاي تور ئۈزۈۋېتىلدى. خۇددى تىبەتكە ئوخشاش بارلىق شەھەرلەردىن تاكى چەت يېزا-قىشلاقلارغىچە كۆپلىگەن بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2013-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەرگە ئوخشاپ قالدى. يوللارغا، يېزىلارنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا قوراللىق كونترول قىلىش نۇقتىلىرى قۇرۇلدى.

2014-يىلى 5-ئايدا شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتى ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى بولدى. شى جىنپىڭ زىيارەت جەريانىدا «بۇ قانداق ئىش؟ بۇلار تېخىچە خىتايلاشمىدىمۇ؟» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. كېيىن ئۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 79 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قارىغاندا بۇ پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ جەريانى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.

بۇ ئەھۋالدىن كېيىن شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا «ئالدى بىلەن قول سېلىش» سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆزىتىش كامېرالىرى، بارلىق تېلېفونلارغا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇردى. ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلاردىن تاكى يېزىلارغىچە ھەربىر ئورۇنغا كۆز-قۇلاقلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي گېرمانىيەنى باشقۇرۇش، تۇتۇپ تۇرۇش جەريانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، ئويلاڭ. ئۇ ۋاقىتتا سىز ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كونترول قىلىنىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز.

تۆۋەندىكىسى خىتاينىڭ تەربىيەلەش لاگېرىدا يېتىپ چىققان بىر ئايالنىڭ ھېكايىسى.

بۇ ئايال خىتايغا ساياھەتكە بارغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا تۇتقۇن قىلىندى. بىر ياشلىق بوۋىقى بىلەن بىرلىكتە بىر تەربىيەلەش لاگېرىغا قامالدى. لاگېردا ئايالنىڭ تېنى ئاياغ-ئاستى قىلىندى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا قايتا-قايتا مەجبۇرلاندى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ تېررورىزمنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ بېكىتىلدى. ئايال بۇ جۈملىلەرنى سۆزلەشكە مەجبۇرلاندى: «مەن پەقەت باش مىنىستىر شى جىنپىڭ ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ماڭا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا بېرىلگەن جازا توغرا بولدى»، «ئاللاھ يوق، ئاللاھقا ئىشەنمەيمەن. كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىشىنىمەن». بۇ شوئارنى خىتايچە توغرا سۆزلىمىگەن ھەرقانداق ئادەم قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىندى، «يولۋاس ئورۇندۇق»قا ئولتۇرغۇزۇلدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئورۇنلارنى (لاگېرلارنى) «ھۈنەر-كەسىپ تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دېگەن ھامان يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ لاگېرلار ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يىللاپ قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تولۇق يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلىگەن جازا لاگېرلىرىدۇر. جورجتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور جامېس مىلۋارد «بېيجىڭنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىر ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئومۇمىيۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىق ھەققىدىكى ئاخباراتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھازىرغىچە 18 ئاي ۋاقىت ئۆتتى. تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكادېمىكلار بۇ مەخپىي جازا لاگېرلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە خىزمەت قىلدى. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون كىشى قامالغان غايەت زور زەنجىرسىمان جازا لاگېرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېلىنغان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنى، سۈنئىي ھەمرالاردىن تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن پايدىلىنىلدى.

بۈگۈن سائەت ئۈچتە پارلامېنت تۇنجى قېتىم جازا لاگېرىدىن سالامەت چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئايال دۆلەتلىك ئاخبارات زالىدا جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىغانلار كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشتى. مېھرىگۈل تۇرسۇن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش ئۈچۈن چەتئەلگە - مىسىرغا باردى. 2015-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ ئۈچكېزەك پەرزەنتى دۇنياغا كەلدى. پەرزەنتلىرى ئىككى ئايلىق بولغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىشىپ بېرىشىگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئايرودرومدا پاسپورتىنى تەكشۈرۈشكە بەرگەن ۋاقىتتا سوراققا تارتىلدى ۋە پەرزەنتلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى. پەرزەنتلىرىنى ئۈچ ئايغىچە كۆرمىدى. بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر ئاغرىق ئىدى. چوڭ ئوغلى قويۇپ بېرىلىپ بىر كۈندىن كېيىن ۋاپات بولدى. كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئايرىم-ئايرىم ئۈچ قېتىم تۇتقۇن قىلىندى. قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ۋە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىدى. بۇ ۋاقىتتا مېھرىگۈل تۇرسۇن گۇندىپايلارغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يالۋۇردى. خۇددى مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ئۇ ۋە ئىككى پەرزەنتى ئامېرىكىغا سالامەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ھازىر گەرچە ئامېرىكىدا بولسىمۇ، ھېلىھەم بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئىچىدە ياشىماقتا.

دېڭىزلاردىن يىراق بىر زېمىندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار قىزىقىش ۋە تۆھمەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىش قايغۇسىدا ئىزتىراپ ئىچىدە ياشىماقتا. بىز «يېقىنلىرىمىز بىلەن ئەسلا كۆرۈشەلمەيمىز» دېگەن چۈشەنچە بىلەن دەھشەتلىك بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ئائىلە ئەزالىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ ھەركۈنى قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرۇلۇق قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈۋاتىمىز.

خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىيۈزلۈك يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى چەتئەللەردىمۇ كۆزىتىپ، تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى. 2017-يىلى 7-ئايدا خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تۇيۇقسىز مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دۆلەتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇرلاشقا باشلىدى. قولىمىزدا مىسىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئەڭ ئاز دېگەندە 48 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى بار.

خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سالماقتا، ھاقارەت قىلماقتا ۋە مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇرلار ئەگەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشىنى خالىمىسا، ئۆيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇلاردىن چەتئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا. يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «ۋەزىپەڭنى ئويلا، دۆلىتىڭدىكى ئائىلەڭنى ئويلا» دەپ قىلىنغان تېلېفون ۋە ئېغىر تەھدىتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەردى.

 

ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى

 

ئەمدى دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن «بۇرۇنقىدەكلا ئىش قىلىش»نىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. ئۇنىۋېرسىتېتلار تارىخنىڭ مۇشۇنداق ۋاقتىدا خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىش، ئۆزئارا تېخنىكا، پىكىر ئالماشتۇرۇشتەك مۇناسىۋەتلىرىنى «توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟» دەپ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىشى كېرەك. شەخسىي شىركەتلەردىن ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان باشقا مىللەت ۋە باشقا دىندىكىلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان بىر دۆلەتتە پەقەت پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈنلا يۈگۈرۈپ يۈرۈشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سوراش كېرەك.

2016-يىلى خەلقئارالىق ماگنىتسكىي قانۇنى چىقىرىلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان قاتتىق زۇلۇمىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى نەزەرگە ئالغاندا (شۇنى) سورىشىمىز كېرەك: ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ كۈچى خىتاي رەھبەرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئىشلىتىلمىسە، بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى توغرۇلۇق يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك بولۇپ قالامدۇ، قانداق؟

ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلىشى، تەھدىت سېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى قانۇن تارماقلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قىلىنغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىشى ۋە دەۋا ئېچىشى كېرەك. ئەگەر دەۋا ئېچىشقا ئامال بولمىسا، ماگنىتسكىي قانۇنى توغرا جاۋابتۇر. دۆلىتىمىز بىزنى قوغدىشى كېرەك.

ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان تىجارەت ئۇسۇللىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا قاتتىق چارە قوللىنىشقا باشلىدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بولسا ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ ئوغرىلىنىش ئەھۋالى ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇقىنى نازارەت قىلىشقا باشلىدى. باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتسە، باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. رەھمەت.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

http://www.hurfikirler.com/cinin-uygur-turklerini-kapattigi-gulag-kamplari/

بۇ خەۋەر 425 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق