چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار

دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل

 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى

 

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋە ئۆزگىرىشچان خىتاي سىياسىتى سەۋەبلىك ئېلىنغان قارار ۋە سىياسەتلەر تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان خىتاي گىراژدانى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.

بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئىچىدە باشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئېنىق بولماي كېلىۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى رەسمىي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدىكى دېپلوماتلىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ ۋاقتى توشسا، ئۇزارتىپ ياكى يېڭىلاپ بەرمەي، خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا. قايتماقچى بولغانلار قايتقاندىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار پاسپورتلىرىنىڭ ۋاقتى تۈگەشكە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولسا، يەنە بىر قىسمى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىسى بولسا ئۇلار قانۇنلۇق ئىشلەش، داۋالىنىش، سۇغۇرتا... قاتارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولماقتا.

 تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان تاشقى سىياسىتىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە ئاساسلىق مەسىلە بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ تەسلىكىدۇر. دۆلەت ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلان بىلەن سىستېمىلىق ھەل قىلىش چارىسى تاپالماسلىقى ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2017-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت»كە ئىلتىماس قىلىشنىڭ يولىنى ئاچتى. شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتتا ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن «كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى»دەك ئېنىقسىز مەسىلىلەرنى ئاز بولسىمۇ ھەل قىلغان بولدى. ئەمما ئۇزۇن يىللىق ئىقامەت ئالغان خىتاي پۇقراسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشقان ياكى قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن توشىدىغان بولغاچقا، بۇلار ئالدىمىزدىكى يىللاردا دەل «ۋەتەنسىز» دېگەن گۇرۇپپىغا كىرىپ قالىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى ئەھۋلدا خىتاي پۇقراسى ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئوخشاش پاسپورت ئېلىش، ئۇزارتىش... قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى بولمىغاچقا، خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە «قىسمەن ۋەتەنسىز ئۆلچىمى»گە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ كىشىلەر ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرى ھېسابلىنىدىغان ئىشلەش، بىخەتەرلىك، داۋالىنىش، ئوقۇش ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش... قاتارلىق ھەق- ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنالمايدۇ.

بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، تۈركىيەدە 2019-يىلىنىڭ «خىتاي مەدەنىيەت ۋە تىنچلىق يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ تۈركىيەدە كۈندىن-كۈنىگە كۈچىيىۋاتقان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى نەتىجىسىدە باش كۆتۈرگەن يېڭى ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشقا سەۋەب بولماقتا. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەسلىدە خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇنلا ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ، قىسمەن ۋەتەنسىزلەر گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھەرخىل ئاساسسىز بوھتانلار بىلەن ئەيىبلەپ، «جىنايەتچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ باسقۇچتىن كېيىنكى قەدەمدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسىدىن غەم قىلماقتا. بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىزدە ياشاپ كېلىۋاتقان رەسمىي (ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىنسانىي ئىقامەت بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەر) ۋە غەيرىي رەسمىي تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ناھايىتى ئېغىر بىر سىياسىي مۇھىت ياراتماقتا. مەسىلەن: خىتاينىڭ باش ئەلچىسى قەيسەرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر تۇل ئايالنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاقتىدا ھامىلدار ئىدى. ئەمما بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىپ تۈركىيەگە قاچتى» دەپ، جىنايەت ئارتىپ ئەرز قىلغان. دېمەك، ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇنداق ئەھۋاللار تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئەلۋەتتە ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ.

مۇشۇنداق پايدىسىز ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرقى قانۇن سىستېمىسىغا ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.

بىرىنچىسى، ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جىددىي ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە، 2009-يىلى 7-ئايدىكى ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئوخشاش بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىشى كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە قانۇنى بويىچە قوغدىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، قىسمەن ۋەتەنسىز ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاينىڭ رەسمىي ئورۇنلىرىدا قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئۇرۇقىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە ياشاپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈرك ئىرقىدىن ئىكەنلىكىگە قارىتا ئىسپات يېزىپ بېرىپ، «ئىسكان قانۇنى» (iskan kanu) تۈرك ئىرقىدىن بولغانلار ئۈچۈن بېرىلگەن كەڭ دائىرىلىك ھەق-ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسكان قانۇنىنىڭ 8-ماددىسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

 خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارايدىغان بولساق، تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئېنىقسىزلىقلار، بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ۋە ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە قىيىنچىلىقلار يۈز بەرمەكتە. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بايلارنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشى، چەتئەللەر بىلەن بولغان تىجارەت پائالىيەتلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش جەھەتتە كۈندىن-كۈنىگە تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. داۋالىنىش، سۇغۇرتا، ئىشلەش قاتارلىق نورمال ھوقۇقلىرىدىن قانۇنلۇق پايدىلىنىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن قىيىنچىلىقلار تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار داۋاملىق دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلاردىن بىر قىسىم مىساللار، شۇنداقلا ئۇلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ پەقەتلا كۆرۈنگەن قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋال بولسا تېخىمۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك. كېيىنكى بىر-ئىككى يىلدىكى تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن بەش يىل تۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىنمۇ پۇقرالىق بېرىلمەسلىكتەك ئەھۋاللار ياكى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلۇشى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدە ئىنتايىن ئېغىر ئىككىلىنىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئۇلار «ئەجەبا تۈركىيەنىڭ بىز توغرىلىق خىتايغا بەرگەن ۋەدىسى بارمىدۇ؟ بىزنى مۇشۇنداق خىتاي پۇقراسى ھالىتىمىزدە قالدۇرۇپ، خالىغان ۋاقىتتا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچىمىدۇ؟» دەپ ۋەھىمە ئىچىدە قالماقتا.

ئىقامەت ئېلىشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى، ئىقامەت تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن كېلىپ چىققان تۈركىيەگە بولغان خاتا چۈشەنچە، قىلىنىدىغان مۇھىم ياردەملەرنىڭ بەزى قانۇن-ماددىلار سەۋەبلىك توختاپ قېلىشى، ئىقامەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ سۆرىلىپ، ھەتتا بەزىدە توختاپ قېلىشى، قويۇلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىغان بولسىمۇ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق كېچىكتۈرۈلۈشى تۈركىيەدە ياشاپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر غەم-ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولماقتا.

ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى دەرھال تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە بۇ ۋە بۇنىڭدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدە كىملىكسىزلىك كىرىزىسىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داڭلىق بايلىرى ۋە زىيالىيلىرى «باشقا يول تاپالىغان ھەممە ئادەم پەقەت بىر كىملىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن نېمە بولساق بولايلى» دېگەن مەقسەت بىلەن تۈركىيەدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم كاناداغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تىزىملاش ۋەقەسى قوشۇلدى. كانادا ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلغان ھەممە ئادەمنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە تۈركىيەنىڭ قايسى خىلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياراملىق قىسمىدىن ئايرىلىپ قېلىشى كەلگۈسىدىكى يىللاردا باشقا قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تەربىيەلەنگەن، ئەمما تۈركىيەنى ئىككىنچى ۋەتىنى دەپ ھېسابلايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئالىملار، بايلار ۋە زىيالىيلارنىڭ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن: ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ناھايىتى چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەگەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ) قىيىنچىلىقلىرى ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان نەتىجىلەر بىلەن ئاياغلىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

بۇ خەۋەر 1617 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق