چاقماق خەۋەر

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە شەرقىي تۈركىستان پىروفېسسور دوكتور سالىھ ئاينۇرال (تەرجىمە ئەسەر) (1)

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە شەرقىي تۈركىستان

پىروفېسسور دوكتور سالىھ ئاينۇرال

(تەرجىمە ئەسەر)

(1)

 

 

 

قىسقىچە مەزمۇنى

خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دەرىجىدىن تاشقىرى غالجىرلاشتى. شەرقىي تۈركىستاندا ھەم دىنىي، ھەم مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېزلەتتى. «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن مىليونلىغان كىشىلەرنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا سولاپ، شەرقىي تۈركىستاننى گويا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆلىمى بىر مىليون 800 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭ بىر زېمىن. نوپۇسى يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ ياشايدۇ. شەرقىي تۈركىستان 1759-يىلى خىتاي-مانجۇ دۆلىتىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 1863-يىلى، 1933-يىلى ۋە 1944-يىللىرى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن خىتايلار تەرىپىدىن يەنە ئىشغال قىلىندى. يىغىپ ئېيتقاندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى 250 يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالىماقتا. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، بۇ ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە زۇلۇم سالماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايونى بولۇپ، خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان ئىشىكىدۇر. لوندوندىن باشلانغان يىپەك يولى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتۈپ، بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ، 2014-يىلى 143 مىليون توننا كۆمۈر قېزىلدى. بۇ خىتايدا قېزىلغان پۈتۈن كۆمۈر مىقدارىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە بۇرغىلانغان نېفىت مىقدارى بولسا 39.27 مىليون توننا بولۇپ، بۇ رەقەم تۈركىيەنىڭ بىر يىللىق نېفىت ئېھتىياجىنى ئاساسەن دېگۈدەك قاندۇرىدۇ. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بولسا 15.29 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، باشقا كان بايلىقلىرىنى تىلغا ئالمىساقمۇ، مۇشۇلاردىنلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە باي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايون قىلغان سەۋەبلەردىن يەنە بىرى غەربىي تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى)دىن خىتايغا ئېقىپ ئۆتىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتىدىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2006-يىلى قازاقىستاندىن خىتايغا باشتا يىللىق 10 مىليون توننا، ئۇنىڭدىن كېيىن 20 مىليون توننىلىق تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گېزىنىڭ خىتايغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2009-يىلى يىللىق سىغىمچانلىقى 55 مىليون كۇب مېتىرلىق، ئۇزۇنلۇقى 8800 كىلومېتىر كېلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى خىزمىتى باشلاندى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ھەم تەبىئىي بايلىق مەنبەسى، ھەم تەبىئىي بايلىق كارىدورىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى گەرچە 250 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بىر نەچچە يىلدىكىدەك دەھشەتلىك ئېزىلىش، خارلىنىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىمىغان ئىدى. قەدىمكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدىن ئېتىبارەن بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىشغال قىلىشىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىللاردىن بېرى دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. خىتاي بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ناھايىتى قاتتىق بىئارام بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە خىلمۇخىل بېسىم ئىشلەتمەكتە ۋە يىلدىن-يىلىغا ئەسەبىيلىشىپ بارماقتا. بىز بۇ ماقالىمىزدە يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ غالجىرلىق بىلەن يولغا قويغان قانلىق سىياسەتلىرى ۋە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئاسسىمىلياتسىيە تۈزۈمىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بەرپا قىلغان چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

 

شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان قانلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى. تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە سولانغانلار، تۈرمىدىن پەرقسىز، ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ گويا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەردە ياشىماقتا. تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان ئىشلاردىن يەنە بىرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كامېرا ئارقىلىق كۆزىتىلمىگەن بىرمۇ يول، كوچا، مەسچىت ياكى مەكتەپ چاغلىق ئورۇن قالمىدى. تۈرمە ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ مۇنچىسىغا، ھەتتا ھاجەتخانىسىغىمۇ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەھەرلەرگە بىر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىققا سەككىز-ئوندىن كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يولدا ماڭغان، تۇرغان كىشىلەر ئالاھىدە كۆزىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە پەۋقۇلئاددە ئېغىر. 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۈچۈنلا 35 مىڭ كامېرا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ كامېرالار كېچىسىمۇ كۆرەلەيدىغان كامېرا بولۇپ، كېچىسى يۈرگەن ماشىنىلارنىڭ نومۇر تاختىلىرىغىچە ئوقۇماقتا. شوپۇرلارنىڭ، يوللاردا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى كۆرۈپ، تونۇماقتا. يىغىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ ۋە كۆزىتىپ تۇرۇلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ بەكرەك كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مىڭلاپ بىخەتەرلىك خادىمى ئالدى، شۇنداقلا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن يەنە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجراتتى. ھازىر خىتاي خەۋەرلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن يىللىق چىقىم توققۇز مىليارد 160 مىليون دوللارغا يەتكەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۈچۈن ئاجراتقان ئىقتىسادى خىتاينىڭ ئۆز زېمىنىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۈچۈن ئاجراتقان چىقىمىدىن سەككىز ھەسسە كۆپ. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بىر ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ چىقتى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ھەر 500 ئادەمگە بىردىن ساقچى ئىدارىسى توغرا كېلىدۇ (شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئاز بولغاندا 50 مىليون ئادەم بار دېسەك، ھازىرقى ئەھۋالدا 100 مىڭ ئەتراپىدا ساقچى ئىدارىسى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بار دېگەن گەپ. ئىستانبۇلدا 16 مىليون ئادەم ياشايدىغان بولۇپ، جەمئىي 39 ساقچى ئىدارىسى بار. ئەگەر بىز تۈركىيەدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ئەڭ قاتتىق بولغان ئىستانبۇلنى ۋەتىنىمىزگە سېلىشتۇرساق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ سانى ئىستانبۇلدىن 560 ھەسسە كۆپ بولغان بولىدۇ-ت).

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يوللاردىكى ھەرخىل تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئىنتايىن قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكلىرى تەكشۈرۈلىدۇ. كىيىملىرى، يانچۇقلىرى ئاختۇرۇلىدۇ، مەخسۇس كامېرالار ئارقىلىق كۆز ۋە يۈزلىرى تەكشۈرۈلۈپ ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ، يەنە يانفونلىرى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا تېلېفوندىكى نەرسىلەر كۆپ ۋاقىتلاردا ساقچىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈۋېلىنىدۇ. ئەگەر دىنىي ياكى مىللىي پۇراق بايقالسا، تېلېفون ئىگىسى دەرھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئەقلىيفونلارغا مەجبۇرىي ھالدا جاسۇسلۇق دېتالى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق خەت-چەكلىرى، مۇناسىۋەت تورلىرى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقى، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ. ئىش، ساياھەت دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن باشقا ۋىلايەت ياكى شەھەرگە بارماقچى بولسا، ساقچى دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئەگەر ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىسا، ئاندىن بارماقچى بولغان يېرىگە بارالايدۇ.

 بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى شۇنچىلىك چېكىدىن ئاشقانكى، كىشىلەر بىر كىلومېتىر كېلىدىغان يولدا بەزىدە تۆت-بەش تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار پويىز بېكەتلىرىدە بېلەت ئېلىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بېلەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سومكا، يۈك-تاقلىرى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەر پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى تەكشۈرۈلمەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇش بىلەن ئۆتمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالغا ئىزاھات بېرىپ: «خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بەرگىلى، تەرەققىي قىلدۇرغىلى كەلگەن، شۇڭا ئۇلاردىن چاتاق چىقمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن تېررورىستلار چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تۇرىمىز» دەيدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق خىتايلار تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك جىنايەتچى ۋە تېررورىست دەپ قارالماقتا. خىتايلار تەرىپىدىن 12~65 ياش ئارىسىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ  DNAلىرى يىغىلماقتا، كۆز قارىچۇقى تەكشۈرۈلمەكتە، ئاۋازى كۆچۈرۈلمەكتە، قان تىپى، بارماق ئىزلىرى ئېلىنماقتا. ھەتتا كىشىلەرنى ئالدى-كەينىگە ماڭغۇزۇپ، مېڭىش شەكىللىرىدىن تارتىپ لېنتىغا ئېلىنماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىدىن گۇمان قىلماقتا. مەسىلەن: بىر ئۇيغۇر ماشىنىسىغا توشقىچە ماي قاچىلايمەن دېسە، خىتاي «ئەجەبا بۇ بېنزىن بومبىسى ياسامدىغاندۇ ياكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتماقچىمىدۇ» دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئىستانوك، گۈگۈت، سەرەڭگە دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنى، بۇلار قورال، پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنى ياسايدۇ، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىپ نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىشى ئالاھىدە قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، ھەرقانداق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر كۈزىتىش ئاستىدا ياشايدۇ. خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ھەتتا ساياھەتچىلەرمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. خىتاي دائىرلىرى ساياھەتچىلەردىن كېلىش سەۋەبلىرىنى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، نەگە بارغانلىقى. . . قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر سوراپ بىلىۋالمىغۇچە توختىمايدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشىشى بەكمۇ قىيىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بېشىمىزغا بىر ئىش كەلمىسۇن، دېگەن قورقۇش سەۋەبلىك چەتئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. چۈنكى چەتئەللىك بىلەن كۆرۈشتى، دېگەنلىك بىر ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا تۇتۇپ كېتىشكە يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار 24 سائەت خىتاينىڭ كۆزىتىشى ۋە نازارىتى ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك ۋەھشىيلىك بىلەن قانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەتتىكى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈئەنگو 2016-يىلى 8-ئايدا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دەھشەتلىك بىر ھالەتكە كەلدى.

خىتاي يېڭى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ئەزەربەيجان، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىراق، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كېنىيە، لىۋىيە، مالايشىيا، نىگىرىيە، پاكىستان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، سۇرىيە، تاجىكىستان، تايلاند، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىشىنى چەكلىگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ دۆلەتلەرگە بۇرۇن بارغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ سوراققا تارتىلىپ، بۇرۇنقى ساياھەتلىرى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان.

خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنى ئىشەنچلىك، گۇمانلىق ۋە ئىشەنچسىز دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان. خىتايلار ئىشەنچلىك سىنىپقا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلگەن. ئۇيغۇرلار بولسا گۇمانلىق ياكى ئىشەنچسىز سىنىپقا كىرىدىغان بولۇپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەن. شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر پەقەت ئۆزىگە مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئەگەر مەلۇم بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم جىنايەت ئۆتكۈزسە، تەبىئىي ھالدا شۇ ئائىلىدىكى ھەممە ئادەم جىنايەتچى بولۇپ ھېسابلانماقتا. ئىنسانلار شۇ دەرىجىدە قورقۇتۇۋېتىلگەنكى، ئەگەر مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىشىكى ئۇرۇلسا، ئۆي ئىگىسى (ئەگەر ساقچى بولۇپ قالسا، تۇتۇپ تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كەتسە توڭلاپ كەتمەي، لازىم بولۇپ قالار دەپ) دەرھال كىيىملىرىنى كىيىپ، تەييارلىنىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ياكى خىتاي زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى خىتايغا قارشى ھەركىتىنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكى، ئۇنداق قىلمايدىكەن، ۋەتەندىكى ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى دەرھال تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەھدىت سېلىپ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. مانا مۇشۇنداق تەھدىتلەرگە بويۇن ئەگمىگەن ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايلار بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا، ئۇلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنى ئۆزئارا باش قىلىشقا تەشۋىق قىلماقتا. شۇنداق قىلىپ تامامەن گۇناھسىز تۇرۇپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرگە: «ئەگەر بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ئۈچ ياكى تۆت كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، سېنى قويۇپ بېرىمىز» دېگەندەك نومۇسسىز تەلەپلەرنى ئېيتقان. ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈش، سۆزلىشىش قاتارلىق نورمال پائالىيەتلىرىنىمۇ ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا چىدىماي باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ ئىچىدە ياشىماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە قارشى تۇرالمايۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بارلىق مال-دۇنياسى ۋە مەبلىغى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلانماقتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا.

 

شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىسلام ئېتىقادىنى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتۇر. بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يېقىن «يېڭىدىن تەربىيەلەش مەركىزى»، «ھۈنەر-كەسىپ تەربىيلەش مەركىزى»، «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئېتىراپ قىلمىدى. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىغان ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ تۈرمە ئەمەس، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن خىتاي تەربىيەلەش مەركەزلىرى دېگەن لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققاندىن كېيىن چەتئەلگە چىققانلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، بۇ لاگېرلار قانداقتۇر تەربىيەلەش ياكى ھۈنەر ئۆگىتىش مەركەزلىرى ئەمەس، دەل ئەكسىچە ھەقىقىي تۈردە مېڭە يۇيىدىغان جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردۇر. كىشىلەر بۇ جازا لاگېرلىرىغا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ سولانماقتا. بولۇپمۇ دىنىي ۋە مىللىي ھېسسىياتى كۈچلۈك بولغانلار خىلمۇ خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ خىل جازا لاگېرلىرىغا قامالماقتا. يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى تاننېر گىرېر (Tanner Greer) خىتاينىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىغا قامىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان باھانە-سەۋەبلىرىنى باشتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك رەتلەپ چىققان. بۇ جازا لاگېرلىرىغا پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلا ئەمەس، خىتاي شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قامالماقتا. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز خەلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىش باشلىغان شىركەت خوجايىنلىرى ئىشلىتىدىغانغا ئۇيغۇر ئىشچى تاپالماي قىينىلىپ قالماقتا.

 

 داۋامى بار

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

http://www. sinoturknews. org/acik-cezaevi-dogu-turkistan/

 

 

بۇ خەۋەر 223 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق