چاقماق خەۋەر

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىمۇ ياكى ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەتمۇ؟

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىمۇ

ياكى ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەتمۇ؟

دوتسېنت، دوكتور ئۆمەر قۇل

1863-يىلى ياقۇپبەگ - بەدۆلەت - شەرقىي تۈركىستاندا «قەشقەرىيە» ئىسمى بىلەن مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ دۆلەتنى ئەينى زاماندىكى كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلانغان چار رۇسىيە ۋە شۇ ۋاقىتتىكى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مانجۇ خانلىقى ئېتىراپ قىلىدۇ.

ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن 1970-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسنىڭ پادىشاھى ۋە ئىسلام خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلئەزىز خانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىدۇ. بۇ ھەيئەت ئابدۇلئەزىز خان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەيئەت قەشقەرىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياقۇپبەگ ئىسلام خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامىغا ئاتاپ پۇل باستۇرىدۇ ۋە خۇتبە ئوقۇتىدۇ.

1877-يىلى ياقۇپبەگنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

1879-يىلى خىتاينىڭ زو زۇڭتاڭ دېگەن گېنېرالى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىدۇ.

1884-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي مەجلىسى قەدىمكى زاماندىن تارتىپ مۇستەقىل دۆلەت بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ 19-ۋىلايىتى دەپ ئېلان قىلىپ، ئىسمىنى «شىنجاڭ» (يېڭى قولغا كىرگۈزۈلگەن زېمىن) دەپ ئىسىم قويىدۇ.

1911-يىلى خىتايدىكى مانجۇ خانلىقى يىقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇن جۇڭشەن باشچىلىقىدىكى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ.

1914-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئا. فوربېس (A. Forbes)نىڭ سۈپەتلىشى بويىچە «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر» دەۋرى باشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھاكىمىيەت ئاخىرىدا ياڭ زېڭشىن دېگەن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

1928-يىلى ياڭ زېڭشىن پەنياۋنەن دېگەن بىر خىتاي گېنېرال تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇقى تاسادىپىي ھالدا جىن شۇرىن دېگەن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

1931-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزلىرى خالىغىنىچە ئىدارە قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك پاسىق ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەددىدىن زىيادە زۇلۇم قىلىدۇ. نەتىجىدە قومۇل شەھىرىدە غالجىرلاشقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك كېڭىيىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر مىللىي ئىنقىلابقا ئايلىنىدۇ.

 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قومۇلدىن باشلانغان ئىنقىلابنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئون مىڭلىغان شېھىتنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا جەۋلان قىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ خارجىيە نازىرى (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) قاسىمجان ھاجىنى ئۆز دەۋرىدىكى بىردىنبىر مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىدۇ. قاسىمجان ھاجى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن: «كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام بولسۇن. بىز مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قۇردۇق. ئەمدى ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداش يولىدىكى كۈرىشىمىز ئۈچۈن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجىمىز بار» دەيدۇ.

شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زالىم، ئەڭ قانخور گېنېرال بولغان شېڭ شىسەي (1933~1944) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا سىتالىن يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرگە ئۈلگە بولۇپ بېرىدۇ، دەپ قاراپ، يوقىتىشنى قارار قىلىدۇ. نەتىجىدە سىتالىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ قىزىل ئارمىيەسىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ياردەم قىلىپ، بۇ ياش جۇمھۇرىيەتنى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن مۇنقەرز قىلىدۇ. بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى خەلقنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە-لەختە قان قىلىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى قوزغاپ، يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.

1937-يىلى شەرقىي تۈركىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرى شېڭ شىسەينىڭ ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ۋىجدانىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

1942-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا كارپاتلاردا گېرمانىيەگە يېڭىلىدۇ. شېڭ شىسەي شۇنىڭدىن كېيىن بىردىنلا ئۆزگىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيدىن ئىنتىقام ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى چويبولسان ئارقىلىق 1940-يىلىدىن باشلاپ ئالتاي ۋىلايىتىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئوسمان باتۇرنى قوللاشقا باشلايدۇ.

1944-يىلى ئوسمان باتۇرنىڭ قىلغان كۈرەشلىرى مېۋە بېرىپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. (يازغۇچى مۇشۇنداق يازغان. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلىخان تۆرىنىڭ (1885~1976) رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوسمان باتۇر ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىدى - ت).

1945-يىلى موسكۋا يەنە قىلىدىغىنىنى قىلىپ، شېڭ شىسەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. يالتا يىغىنىدا خىتاينىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىشىنى توختىتىش شەرتى بىلەن رۇسىيەنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

1946-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا مەقسىتىگە يەتكەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، كەيىپ سۈرۈشكە باشلايدۇ.

1947-يىلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلاردىن مەسئۇد سابىرى بايقۇزى باشچىلىقىدا بىر قورچاق ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا يەنە خاتىرجەم بولالماي، بۇ قورچاق ھۆكۈمەتنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

1948-يىلى مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتى مەسئۇت سابىرى بايقۇزى بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، بۇرھان شەھىدىنى قورچاق باشلىق قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

شۇ يىلى مىللەتچى خىتاينىڭ باشلىقى جاڭ كەيشى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ باشلىقى ماۋزېدۇڭنىڭ قاراقچى ئەسكەرلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا قاراقچىلار غەلىبە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ بەدىلىگە قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ماۋزېدۇڭنىڭ قاراقچى ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلىشى بىلەن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كېلىدۇ.

1949-يىلى مىللەتچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارى بۇرھان شەھىدى بىلەن ھەربىي قوماندانى تاۋسىيۆ كوممۇنىست ماۋزېدۇڭغا تەسلىم بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. بۇ ئېغىر پاجىئەدىن كېيىن بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇھەممەدئەمىن بۇغرا چېگرادىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان تەرەپكە قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دەيدۇ. بۇ ھىجرەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق سەپەرلەردىن بىرسى بولۇپ قالىدۇ.

1955-يىلى بۇ قەدىمىي تۈرك ئىسلام يۇرتىدا 1863-، 1879-، 1933-، 1937-، 1944-، 1949-يىللىرى ئارىسىدا مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ قېنى بەدىلىگە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئىسمى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىشغال قىلىنغانلىقى رەسمىيلەشتۈرۈلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەزەلدىن تارتىپ مۇتلەق مۇستەقىل دۆلەت بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70-يىلىدا كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى قەتئىي نارازىلىق بىلدۈرىمىز. بۇ يىلنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرقى ئىشغال قىلىنغان يىلى بولۇپ قېلىشىنى ۋە ئىنساننىڭ ئىنساندەك ياشىيالايدىغان مۇستەقىل بىر ئانا ۋەتىنىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرۈشنى چىن يۈرىكىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

 

بۇ خەۋەر 412 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق