ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ 73- نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش قارار قىلىنغان.
يېغىندا، يۇقۇمغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر دائىرىسى ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشنى، ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتىنى مۇستەقىل، تەرەپسىز ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھە بىردەك ماقۇللانغان.
قاراردا يەنە، خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاكسىنا ، دورا ۋە باشقا تېخنىكلارنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشى قارار تېكىستكە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا DSA دىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قارارغا قارشى تۇرمىغان بولىسىمۇ بىراق قاراردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ماقۇللانغان قارارنىڭ بەزى ئابزاسلىرى ۋە قوللانغان ئۇسلۇبىنى تەنقىد قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسۇس خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، «مەن ئەڭ مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى كۆرۈپ چىقىمەن»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن