ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تۆۋەنكى ساكسونى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت يېشىل پارتىيە ۋەكىلىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچىگە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرغاندىن بۇيان، يىلىغا 50 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تارماق زاۋۇتىنى قۇرۇشى، خىتاي ساقچىلىرىنى ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا خەلقئارا مۇخبىرلار ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تۆۋەنكى ساكسونى ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىدىكى يېشىل پارتىيە ۋەكىلى بۇ ھەقتە ۋولكىس ۋاگېننى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى بولسا ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا 650 ئىشچى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى پەقەت تۆتتىن بىرىنىڭلا ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى ئاقلىغان. شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 496 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق