چاقماق خەۋەر

ھىندىستاندىكى نامايىش كەسكىن داۋاملاشماقتا

ھىندىستاندىكى نامايىش كەسكىن داۋاملاشماقتا

گېرمانىيە ئاۋازى تورى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىنى توختىتىۋېتىش ئارقىلىق، مۇسۇلمان ئاممىسىنى كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە «پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش قانۇنى» سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نامايىشنى بېسىقتۇرماقچى بولغان.
ئالدىنقى ھەپتە «پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش قانۇنى» ماقۇللانغاندىن بېرى ھىندىستاندا نامايىشچىلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئەمما نامايىش بۇنىڭلىق بىلەن ئاجىزلىشىپ قالمىغان. بۇ قانۇندا ھىندىستانغا چېگراداش بولغان بېنگال، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق ئاممىنى ھىندىستان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.
ھىندىستان پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە بۇ قانۇننى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار باشلامچىلىقىدا تەشكىللەنگەن نامايىش پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، يېڭى دېھلى، شەرقىي قىسىمدىكى بېنگال فېدېراتسىيەسى، شىمالدىكى شەھەر ئەلى ۋە ئاسسام ئىشتاتىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۇچۇر-ئالاقە ئۈزۈلۈپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
باش ئىشتابى يېڭى دېھلىغا جايلاشقان يۇمشاق دېتال ئەركىنلىكى قانۇن مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ھىندىستان دائىرىلىرى ئەڭ ئاز 102 قېتىم تورنى ئۈزۈۋەتكەن.
نامايىشنىڭ كۆلىمىنىڭ زورىيىپ كېتىشى ۋە نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى تۈپەيلى، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى شەنبە كۈنى مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىپ، يىڭى قانۇن تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نامايىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزگەن.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، نامايىشنى توسماقچى بولغان بولۇپ، بەزى ئىشتاتلاردا تور قەرەللىك ئۈزۈۋېتىلگەن، ئۇچۇر ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىگە ئىگە مەزمۇنلارنى تارقاتماسلىق ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغان. ئەمما ھەرقايسى جايلاردا نامايىشلار توختىماي داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 3188 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق