ھىندىستان -خىتاي كىرىزىسىدا خۇاۋېي ھەسسىلەپ زىيان تارتتى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى سودا ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.
ھىندىستان ئىنگلىزچە گېزىتى «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستاننىڭ خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇڭلاشقا ، خۇاۋېي شىركىتى 2020-يىللىق كىرىم نىشانىنى ھىندىستان بازىرىغا 350 مىليوندىن 500 مىليون دولارغىچە قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئىلگىرىكى كىرىمدىن 700 مىليوندىن 800 مىليون دولارغىچە تۆۋەن ئىكەن.
خەۋەردە، خۇاۋېي ھىندىستانلىق خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىدىغانلىقى، خادىم قىسقارتىش نىسبىتى% 60 تىن% 70 گىچە بولىدىغانلىقى بىلدۈرگەن .
«ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى سودىسى ياكى يانفون تىجارەت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن . نۆۋەتتە، خۇاۋېي ھىندىستاندا يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا سالمىغان. خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى پىلانلىرى خىتاي -ھىندىستان مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان پەيتتە زەربىگە ئۇچرىغان.
چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ھىندىستان دۆلەت ئىچىدە خىتايدا ياسالغان تاۋارلارنى بايقۇت قىلىش » ھەرىكىتى باشلىغان. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ، ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى باھانە قىلىپ ، ئەلى بابانىڭ UC خەۋەرلىرى ، UC توركۆرگۈچىسى ۋە TikTok ، ئۈندىدار ۋە ۋېيبو قاتارلىق ھىندىستاندىكى 59 خىتاى ئەپ دېتاللىرىنى چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خۇاۋېي شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاندىكى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە ، ئالى بابا UC.com تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان ھىندىستانلىق خىزمەتچى ئەلى بابا ئۈستىدىن » شىركەتنىڭ قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرى توغرىسىدىكى يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك شىركەت تەرىپىدىن نامۇۋاپىق ئىشتىن بوشىتىلغان « دەپ ئەرز سۇنغان. ھىندىستان سوتى ئەلى بابا ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جەك ماي قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كىشىگە چاقىرىقنامە ئەۋەتىپ ، ئۇلارنىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بىۋاسىتە ياكى ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق سوتقا چىقىشنى تەلەپ قىلغان.