چاقماق خەەر

ھىندىستان خىتايغا شەرت قويدى

ھىندىستان خىتايغا شەرت قويدى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي  « «رايونىدىكى جددىيچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىسا يېڭىدا باشلىغان  قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) دىكى ھەربىي تىركىشىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى خىتاينىڭ رايوندا قىلىۋاتقان يېڭى قۇرۇلۇشلارنى توختىتىشى كېرەك ئىكەن.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇخبىرغا «پەقەت LAC بويىدىكى ھەربىي تىركىشىشنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن – بىر يولى خىتاينىڭ  يېڭى قۇرۇلمىلارنى  ئورنىتىشنى توختىتىش « دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرى جۈمە كۈنى لېخدا چارلاشنى يولغا قويغان. ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) دا خىتاي بىلەن تىركەشكەندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپ رايوندا ھاۋا ھەرىكىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق كوماندىر دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.  ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق سۈركىلىش تېخىچە پەسەيمىگەن.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2020 19:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق