ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننى ئىراننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى پەرەز قىلىندى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆپلىگەن تەرەپلەر ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىراننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
8-يانۋار ئۇكرائىنانىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدىن قوزغىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 176 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
ئۇكرائىنا تەرەپ باشتا بۇنى باشتا ئايروپىلاندا كاشىلا كۆرۈلگەن، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىپ، داۋاملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھادىسە ئىران ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن بولغاچقا، كۆپلىگەن تەرەپلەر ئايروپىلاننى ئىران سىنارەد ئارقىلىق خاتا ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتتى، دەپ قارىغان.
ئىران خەلق ئاۋىئاتسىيەسى مەسئۇلى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، سىنارەدنىڭ بۇ ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى ئېيتقان.