گېرمانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە گېرمانىيەگە بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.
گېرمانىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 149 ئۇيغۇر گېرمانىيەگە بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەد بۇ ھەقتە توختىلىپ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مىسىر، تۈركىيە ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغاچقا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، پاناھلىق تىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر گېرمانىيەدە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىقى مىيۇنخېن، فىرانكفورت قاتارلىق شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە بۇ يىل قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغان 803 كىشىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %96 كە يەتكەن.