چاقماق خەۋەر

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارى خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سىنلىق ئۇچرىشىش ھارپىسىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نىلس ئاننېن(Niels Annen)خىتاينى قاتتىق تەنقىدلەپ: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلات كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېگەن.
نىلىس ئاننېن سۆزىدە خىتاي خوڭكوڭدا يولغا قويۇشقا باشلىغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان ھەربىي مانېۋىرىنى تىلغا ئېلىپ: «دېڭ شياۋپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلىپ، زېمىن ماجىراسى ۋە سىياسىي زىددىيەتنى ئارقىدا قويۇپ قويغان ئىدى. شى جىنپىڭغا كەلگەندە بۇ سىياسەت ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. نىلىس ئاننېننىڭ قارىشىچە، خىتاي تېخىمۇ زور دەرىجىدە يول قويۇشى كېرەك بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ سۆھبىتىدىكى يادرولۇق ساھەلەردە يېتەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنمىغان.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بېرلىندا كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يولغا قويماقچى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشىنى ۋە ب د ت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارغا ئەركىن كىرىپ تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بېرلىندا چىقىدىغان «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئىلگىرى شېرىكلەردىن بولسىمۇ، ھازىر رىقابەتچىگە ئايلانغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بېرلىندىن خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ بېرلىنغا بېسىم قىلغان.

بۇ خەۋەر 134 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق