چاقماق خەۋەر

چاناق قەلئە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسلىق مۇنار قۇرۇلۇشى تاماملاندى

 بۈگۈن تۈركىيەنىڭ چاناق قەلئە بوغۇزىغا سېلىشى پىلانلانغان 1915 چاناق قەلئە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسلىق مۇنار قۇرۇلۇشى تاماملاندى. تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى سىنلىق نۇتۇق ئارقىلىق بىلدۈرۈپ: «چاناق قەلئە كۆۋرۈكىنى سېلىش پىلانى ئەسىرلەردىن بۇيان ئويلاۋاتقان بىر خىيال ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ بۈيۈك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىزگە نېسىپ قىلدى» دېدى. تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىل ئوغلىمۇ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسلىق مۇنار قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى.

 «1915 چاناق قەلئە كۆۋرۈكى» تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆتىنچى كۆۋرۈكى بولۇپ، تۈركىيە بۇ كۆۋرۈكنى Daelim، limak، SK، Yapı Merkezi قاتارلىق شىركەتلەرگە ئورتاق ھۆددىگە بەرگەن. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم، تىرانسپورت، دېڭىز ئىشلىرى ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ئەھمەد ئارسلان ۋە كورىيە قاتناش، دېڭىز ئىشلىرى ۋە تىرانسپورت مىنىستىرى كاڭ ھوئىن قاتارلىقلار قاتناشقان مۇراسىم بىلەن باشلانغان. چاناق قەلئە ئۇرۇشى 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆۋرۈكنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى چاناق قەلئە ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرىلىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۆۋرۈكنى بەش يىلدا پۈتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەگەر ئىشلار پىلان بويىچە بولغاندا، بۇ كۆۋرۈك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتىدىكەن.

بۇ كۆۋرۈكنىڭ مۇنارى 32 پارچە پولاتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئېگىزلىكى 318 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 3563 مېتىر، كۆۋرۈك مۇنارلىرىنىڭ ئارىلىقى 2023 مېتىر كېلىدىكەن. كۆۋرۈك ئۈچ كېلىش، ئۈچ كېتىشتىن ئىبارەت ئالتە يوللۇق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 69 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەن. ئەگەر بۇ كۆۋرۈك پۈتسە، مۇشۇ خىل كۆۋرۈكلەر ئىچىدە ياپونىيەنىڭ ھىيوگو ۋىلايىتىدىكى كۆۋرۈكتىن ئېشىپ چۈشۈپ، ئۇزۇنلۇقتىمۇ، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى جەھەتتىمۇ، مۇنار ئارىلىقىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىمۇ دۇنيادىكى بىرىنچى كۆۋرۈك بولىدىكەن.

1915 چاناق قەلئە كۆۋرۈكى پۈتكەندىن كېيىن، لاپسېكى بىلەن گېلىبولۇ ئارىلىقىدىكى كېمە بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يول ئالتە مىنۇتقا چۈشىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن تۈركىيە ۋاقىت تېجەش، باشقۇرۇش، ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرىغا كېتىدىغان ئىقتىسادىي چىقىم، قاتناش ۋەقەلىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ۋە يېقىلغۇ جەھەتلەردىن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 567 مىليون لىرا تېجەپ قالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 108 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2020 11:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق