چاقماق خەۋەر

پومپېيو خىتايغا قارشى باشلامچىلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

پومپېيو خىتايغا قارشى باشلامچىلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دوۋېي خەۋەرلىرى تورنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتايغا قارشى باشلامچىلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى باشلامچىلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىز، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىن قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا خىتاينى ئەيىبلىگەن.

31-ئىيۇل خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دائىمىي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، پومپېيونىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان ھەر خىل يالغان سۆزلەرنى كۆپ قېتىم تارقاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى پەقەت خىتاي پۇقرالىرىنى كومپارتىيەنىڭ ئەتراپىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە پومپېيونىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ئېڭى ۋە شەخسىي مەنپەئەتى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنى «كوممۇنىزم ۋە خىتايغا قارشى ئۇرۇش ماشىنىسى»غا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پومپېيو كېڭەش پالاتاسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى باشلامچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇ يەنە خىتايغا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 178 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2020 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق