چاقماق خەۋەر

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈرككان ھۆكۈمەتنى ئېغىر ئەيىبلىدى

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈرككان ھۆكۈمەتنى ئېغىر ئەيىبلىدى

تۈركىيەدىكى مۇخالىپەتچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامىنتىدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كوجا ئېلى مىللەت ۋەكىلى لۈتفۈ تۈركان ئەپەندى مەجلىستە قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان 3.5 مىليارد دوللار قەرز ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى سېتىشنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىگە غەرب دۇنياسى باشتا بولۇش بىرگە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمىغان ۋە ئاۋاز چىقارماسلىقتا داۋام قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيە دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: ئۇيغۇر تۈركلىرى خۇددى يۈزلىرىنى مەككىگە قاراتقاندەك ئۈمىد كۈتىدىغان تۈركىيەدىن ھېچقانداق ئاۋاز چىقمىدى دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: "بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىسى ئېمىن ئۆنەننىڭ 2019 – يىللىق پائالىيەت دوكلاتىنى كۆرۈپ چىقتىم، دىققىتىڭلارنى تارتتىمۇ بىلمىدىم، ئۇ بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان زىيارەتلەردە بوپتۇ، ئەمما ئەسلىدە زىيارەت قىلىشى كېرەك بولغان شەرقىي تۈركىستانغا قەدەم بېسىپمۇ قويماپتۇ!" دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ ھازىر تۈركىيەنىڭ بېشىدا ھەر كىمگە دوست، ئەمما تۈرككە دۈشمەن بىر ھاكىمىيەت بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر زەربىنىڭ پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباستىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنى كىنايىلىك شەكىلدە ئەيىبلىدى ۋە بىزنىڭ مەجلىستە ئاغزىنى ئاچسا ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالىدىغان پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباس بارغۇ؟ ئەنە شۇ ماھمۇد ئابباس خىتاي رەئىسى بىلەن تېلېفۇن كۆرۈشۈشىدە شۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەت خىتاينىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستى ئىكەنلىكىنى قانچىلىغان قېتىم ئىسپاتلىدى، پەلەستىن خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە خىتاينى يېقىندىن قوللايدۇ". قاراڭلار! شەرقىي تۈركىستانمۇ دېمەيۋاتىدۇ بەلكى شىنجاڭ دەۋاتىدۇ ۋە خىتاينى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ...

بۇ يەردىن ھۆكۈمەتكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمەن:

"ھەر نەرسە بولۇۋاتىسىلەر، ئەمما بولۇشى كېرەك بولغان بىر نەرسە بولمايۋاتىسىلەر، تېخى تۈرك بولالمىدىڭلار، بىر قېتىم بولسىمۇ تۈرك بولۇشنى سىناپ بېقىڭلار!" دەپ چاقىرىق قىلدى.

 نۆۋەتتە ھەممىنىڭ دىققىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى.

بۇ خەۋەر 353 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق