يۈننەندە 5.0 بال يەر تەۋرىگەن
خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى 20- ماي بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 21:47 دە يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى چياۋجيا ناھىيەسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىگەن.
خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 4:35دە يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى چياۋجيا ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 27.18 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 103.16 گىرادۇس) دە 3.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىرغا يەتكەن.
ئېگىلىنىشچە، تەۋەرەش سەھەر سائەت 1:00 گىچە داۋاملاشقان. چياۋجيا ناھىيەسى شياۋخې بازىرىدىكى 5 بال يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى بولغان شياۋخې بازىرىدا 12 ئادەم يارىلانغان، ياكوۋ كەنتىدە ئىككى ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان؛ شىنديەن بازىرى ۋۇگۇ كەنتى تەۋەسىدە تاش سىيرىلىپ چۈشۈپ بىر موتوسىكلىتقا سوقۇلۇپ، بىر ئادەم ئېغىر يارىلانغان، بىر ئادەم يېنىك يارىلانغان، ئېغىر يارىلانغان ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، باشقا يېزا-بازارلاردا ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى. كونكرېت ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە ئكەن.
يۈننەن ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 6:00 گىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە تۆت ئادەم قازا قىلغان (چياۋجيا ناھىيەسىدە ئۈچ ئادەم، لۇدىيەن ناھىيەسىدە بىر ئادەم) ، 23 ئادەم يارىلانغان.