ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 23- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىنى ئىسلاھات قىلىپ چەتئەل شىركەتلىرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلالمىسا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىنى ياۋروپا شىركەتلىرىگە تېخىمۇ ئېچىپ ، چەتئەل شىركەتلىرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلالمىسا ، خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىغانلىقىنى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا تۇتقان ئېنىق مەيدانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندىن كېيىن ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى (Ursula von der Leyen) بېيجىڭنى ۋەدىسىگە تېزدىن ئەمەل قىلىپ ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىدە مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى يېقىنقى ئايلاردا كۆپ قېتىم ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يەرشارى خاراكتېرىنى ئالغان توقۇنۇشقا قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ۋون دېلايىن ۋە مىچېلنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت بولۇۋاتقان خىتايغا نىسبەتەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ، قايتۇرما زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن