چاقماق خەەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بىر قاتار شەرتلەرنى قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بىر قاتار شەرتلەرنى قويدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىمىزنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدۇق. بىز يەنە خىتايدىن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قوللانغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرى بىلەن يەتمەكچى بولغان نىشانى بىردەك ئەمەس دەپ قاراپ، كۆپ قېتىم خىتايدىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دىرىيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، چىلىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندا ياۋروپا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى قاتارلىق مەسىلىلەردە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان. ياۋروپا رەھبەرلىرى شى جىنپىڭدىن خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىش، مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئوچۇق بازار تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىش، دېموكراتىيە ساداسىغا قۇلاق سېلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مېركېل يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتايغا بېسىم قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق» دېگەن ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا چوقۇم باراۋەرلىك ۋە ئادىللىقنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا رىقابەت مۇھىتىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلەرنى ئورۇندىمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ھەمكارلىق ساھەسىدىكى ئىختىلاپنىڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2020 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق