چاقماق خەۋەر

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

27-نويابىر نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ھۇداي ۋەقفى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈسكۈدار ياشلار مەركىزىدە دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ پائالىيەتنى ھۇداي ۋەقفىدىكى ئاياللار گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەركۇر گۇرۇپپا ھەر قايسى جايلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنى تۈركىيەدە ھەم ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي تاجاۋۇچىلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشقا چاقىرىشنى نىشان قىلغان پائالىيەت باشلىغان.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىكى خانىملار زىچ ماسلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتايلارنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق