چاقماق خەۋەر

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى يەنە رەئىس بولۇپ سايلاندى

  

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى يەنە رەئىس بولۇپ سايلاندى

-24نويابىر ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايدې (Adelaide) شەھىرىدە 10-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلتاينىڭ ئادىل ۋە تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىر ئاي بۇرۇن يەتتە ئەر، ئىككى ئايال بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ قۇرۇلتايغا جەمئى 177 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇسالام قارىھاجىم رىياسەتچىلىك قىلغان. قۇرۇلتايغا 18 كىشى نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سايلام نەتىجىسىدە 11 كىشى قۇرۇلتاينىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاپ چىقىلغان.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جەمئىيەتنىڭ 10-قېتىملىق قۇرۇلتىيى بولۇپ، قۇرۇلتايدا جەمئىيەتنىڭ سابىق رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى تايتا رەئىس بولۇپ سايلانغان. سايلام باشتىن ئاخىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 211 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق