چاقماق خەۋەر

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىناسى خىزمەت باشلىدى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىناسى خىزمەت باشلىدى

    26- ئىيۇل مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (Milli İstihbarat Teşkilatı (MİT) ) نىڭ ئىستانبۇلدىكى يېڭى خىزمەت بىناسى پۈتۈپ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يېڭى بىنا ئىستانبۇلنىڭ ماسلاق (Maslak) رايونىدا بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىغا پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشتى.

     رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ:

    «بۈگۈنكى دەۋرىدە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر قورال ۋە ئەقلىڭىزنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيسىز. تۈركىيە كېيىنكى يىللاردا ئۆزىنىڭ قان تەرى بىلەن ئىستىخبارات جەھەتتىكى ئىمتىھان مەيدانىدىن يۈزى يورۇق چىقتى.

    بىزنىڭ نىشانىمىز ئىستانبۇلنى پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە بولسۇن، مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

  تەشكىلاتىمىز تەرەققىي قىلىپ، شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، تور، سۈنئىي ھەمراھ، سىگنال ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشقا باشلىدى. 

    ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغىنىغا گەرچە نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ئىستانبۇلنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز باسقان ھەر بىر قەدەم، قىلغان ھەر بىر پائالىيىتىمىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىزنىڭ ئىستانبۇلدىكى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى رايونلۇق ئاشخانىمىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىش ۋە چەتئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

    رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «مىللىي ئىستىخباراتى بولمىغان بىر دۆلەت، بىر مىللەت يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر!» دېدى.

    ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىزمەت بىناسىنىڭ رەسىم ئېچىلىشى ئۈچۈن لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

   ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىستانبۇلدىكى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى رايونلۇق باشقارما بىناسى ئىشخانىسىنىڭ ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقى، كۈندىن كۈنىگە ئېشىۋاتقان خىزمەت ئېھتىياجى ھەمدە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بۈگۈنكى دەۋرى ئېھتىياجىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

    ئىستانبۇلدىكى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى رايونلۇق باشقارما بىناسى ئىشخانىسىنىڭ پۈتۈپ خىزمەت باشلىشى، 2020- يىلى 1- ئايدا پۈتكەن مەركىزى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىناسىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەن. بۇ بىنا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، بىر قانچە يىغىن زالى بار. خىزمەتچى خادىملارنىڭ قورال- ياراغ مەشىق قىلىش زاللىرىدىن تارتىپ، رادار، ئېلېكتىرونلۇق ئالاقە- ئۇچۇر قاتارلىق ئەڭ ئىلغار سىستېمىغا ئىگە ئىكەن. بىنا قۇرۇلۇشى ئالاھىدە سېلىنغان سۈنئىي ئەقىللىق بىنا بولۇپ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ۋە دېڭىز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەر خىل تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بۇ بىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى تارىختىن بۇيان داۋاملىق ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 165 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق