چاقماق خەۋەر

مىسىردىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

مىسىردىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلاندى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماقخانىدىن كېپىللىكە قويۇپ بېرىلگەن مەلۇم بىر كىشى چەت ئەلدىكى تۇغقىنى بىلەن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 2017-يىلى مىسىر ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە قاماقخانىلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ئۆلكىسىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، 23 كۈندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىنىپ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن مەزكۇر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلمەي كۆيدۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تۇتقۇنلارنى كۆز ئەينەكلىك يىلانغا چاقتۇرۇش، چىشىنى يۇلۇش، مىخ قېقىش، ئەۋرەتكە قىزىتىلغان سىمنى تىقىش قاتارلىق ھەر خىل قىيناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سوراق قىلىدىكەن. مىسىر ھۆكۈمىتى 2017-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىسى بىلەن قوشۇلۇپ، 15 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ قوشنىسى مىسىردىن قايتۇرۇلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مىسىرغا ئوقۇشقا بارغانلىقى ئۈچۈن 16 يىل، دادىسىنى بولسا ئوغلىنى دىندا ئوقۇتقان، دېگەن سەۋەب بىلەن 10 يىل كېسىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 2368 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق