چاقماق خەۋەر

مالايشىيا مۇخبىرلىرى مائارىپ جەمئيىتىنى زىيارەت قىلدى

13-يانۋار مالايشىيا بىلەن بىرۇنېيدىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى جەمئىيەت رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇئاۋىن رەئىس، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم قاتارلىقلار جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىش ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار مالايشىيا بىلەن بىرۇنېيدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋاداخ (WADAH)، ئابىم (ABİM)، يەرشارى تىنچلىقى (GLOBAL PEACE) ۋە كامپرىھاتىن (KAMPRİHATİN) قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن تەشكىلاتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 286 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق