چاقماق خەۋەر

مائارىپ جەمئىيىتىدە ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

مائارىپ جەمئىيىتىدە ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

6-نويابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق شۇرا يىغىنى جەمئىيەتنىڭ چاپادىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
كېڭەش يىغىنىغا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن مەھمۇدجان قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا جەمئىيەت باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىندا سۆز قىلىپ، ياۋروپا سەپىرىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خىل سەپەرلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بۈگۈن بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارادا مۇھىم كۈنتەرتىپكە كېلىپ، زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىغا كىرىۋالغان خىتاينىڭ خەۋەرچىلىرى ياخشى ۋەزىيەتنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خىزمىتىدە بوشاشماي، جاپاغا چىداپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەسلى مەيدانىمىزدىن ئېغىپ كەتمەي مېڭىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاچىلىرىدا ئىخلاس، سەمىمىيەت ۋە پىداكارلىق بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزنىڭ دەۋايىمىز بىر ئىبادەت. ئىبادەتتە ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بولمىسا ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ، دەۋايىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. بىز دەۋانىڭ ئىگىسى. شەرقىي تۈركىستاندا قىرىلىپ كېتىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ۋەكىلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئېغىر. بوشاڭلىق قىلساق، ۋەزىپىمىز ئادا بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال «مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاللاھقا ئەركىن ئىبادەت قىلالايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق مەپكۇرىسى» تېمىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك دەپ ئايرىمچىلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق بىر قانچە قېرىنداش مىللەتنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھەممە مىللەت بىرلىشىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. 

كېڭەش يىغىنىدا يەنە سوئال-جاۋاب، مۇھاكىمە تەرىقىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق مەپكۇرىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
كېڭەش يىغىنى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنى تىلەپ قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 226 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2019 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق