چاقماق خەۋەر

مائارىپ جەمئىيىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
باياناتتا خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغاندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ كەلگەنلىكى، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى، نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىلىنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان خىتاينىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرىنى تەسىس قىلىپ، بەش مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانۇنسىز قامىغانلىقى، خىتايلار بىلەن ئوخشىمىغان قىممەت قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ خەۋەر 64 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق