چاقماق خەۋەر

كاستامونۇدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

كاستامونۇدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

13-دېكابىر كاستامونۇدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت تىۋېت دېڭىز پەنەرى جەمئىيىتىنىڭ كاستامونۇ شۆبىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ كاستامونۇدىكى ۋەكىلى ئابدۇسەمى خوتەن بىلەن ئابدۇلئەزىز تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 275 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق