چاقماق خەۋەر

قۇش قونمايدىغان مەسچىت

قۇش قونمايدىغان مەسچىت

(تەرجىمە ئەسەر)

 

سىز ئوقۇماقچى بولغان بۇ ۋەقە 1500-يىللاردا يۈزبەرگەن.

ئۇ ۋاقىت ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تازا گۈللەنگەن يىللىرى بولۇپ، زامانىسىنىڭ پادىشاھى، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى مۇراد III (III. Murad) ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدە يۇقىرى يۈز-ئابرۇيغا ئىگە شەمسى پاشا ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، تەسىرى كۈچلۈك بىر ئادەم ئىدى. بۇ كىشى ئەينى ۋاقىتتا باش ۋەزىر سوكۇللۇ مۇھەممەد پاشا دېگەن كىشى بىلەن رىقابەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇلار دۆلەت كاتتىلىرى يىغىلغان سورۇنلاردا مەنمەنچىلىك قىلىشىپ، ھە دېگەندە بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي، چېقىشىپ قالاتتى.

ئەينى يىللىرى باش ۋەزىر سوكۇللۇ مۇھەممەد پاشا دېگەن كىشى سۇلتان ئەھمەد جامىسىغا يېقىن بىر يەرگە زامانىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى بولغان مىمار سىنان دېگەن كىشىگە ئۆز نامىدا بىر مەسچىت سالدۇرىدۇ. بۇ مەسچىتنى ئەينى ۋاقىتتا مىمار سىناننىڭ ئەڭ نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدىغان ئەدىرنەدىكى سەلىمىيە مەسچىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولاتتى.

بىر كۈنى دۆلەت ئەركانلىرى يىغىلىشقان بىر سورۇندا قىلىنغان گەپلەر ئايلىنىپ، سوكۇللۇ مەھمەت پاشا سالدۇرغان جامىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەمسى پاشا چىدىماي سوكۇللۇ مۇھەممەد پاشاغا: «ئەپەندىم، ناھايىتى چىرايلىق بىر مەسچىت سالدۇرۇپسىز. ئەمما كەپتەرلەر مەسچىتىڭىزنى مەينەت قىلىپ قويۇپتۇ» دەيدۇ. سوكۇللۇ مۇھەممەد پاشا: «ئەپەندىم، ئۇمۇ ئاللاھ ياراتقان بىر جانلىق، بۇ نورمال ئەھۋال، توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ سۆھبىتى ئاياغلىشىدۇ.

ئەمما كۈنلەر ئۆتۈپ شەمسى پاشامۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىدىن بىر خاتىرە قېلىشىنى ئويلاپ، بىر مەسچىت سالدۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سوكۇللۇ مەھمەت پاشاغا ھەسەت قىلىپ: «كەپتەرلەر مەسچىتىڭىزنى مەينەت قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەن گېپى يادىغا كېلىدۇ. «كەپتەرلەر مەسچىتنىڭ ئۈستىنى مەينەت قىلىپ قويىدۇ. ئەستاغپۇرۇللا، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟». شەمسى پاشا ئويلانماستىن قىلىپ قويغان بىر جۈملە سۆزى تۈپەيلى قاتتىق بىئارام بولىدۇ.

شەمسى پاشا قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىرى مىمار سىناننىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە: «ئەپەندىم، مەن بىر مەسچىت سالدۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. ئەمما ئۆز ۋاقتىدا ھەسەتنىڭ كۈچى بىلەن سوكۇللۇ مەھمەت پاشاغا ئويلانماستىنلا: كەپتەرلەر مەسچىتىڭىزنى مەينەت قىلىپ قويۇپتۇ، دەپتىمەن. مەن مەسچىت سالدۇرساممۇ ئوخشاشلا قۇشلار مەينەت قىلىپ قويىدۇ. ئەمدىكى گەپ، ھاۋا بوشلۇقىدا قۇشلار ئۇچمايدىغان بىرەر يەر بارمىدۇ؟» دەپ دەردىنى ئېيتىدۇ. ئەھۋالنى چۈشەنگەن مىمار سىنان: «ئەپەندىم، شۇنداق بىر يەرنى تاپىمىز» دەيدۇ.

بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن مىمار سىنان ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە زېرەكلىكىگە تايىنىپ مەلۇم ۋاقىت تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى تەرىپىدىكى ئۈسكۈدار دېگەن جايدا جەنۇب ۋە شىمالدىن كەلگەن شاماللارنىڭ كېسىشكەن جايىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايدىكى دېڭىز دولقۇنىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى يەرنىڭ تىترىشىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ.

مىمار سىنان ھەقىقەتەن ئاز كۆرۈلىدىغان ناھايىتى ماھىر بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەشھۇر سۇلايمانىيە مەسچىتىنى سېلىش جەريانىدا نەچچە كۈنگىچە مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ چىلىم تارتىپ، ئۇنىڭدىن چىققان خورتۇلدىغان ئاۋازنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئىمامنىڭ ئاۋازىنى مەسچىت ئىچىنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش ئاڭلىنىدىغان قىلىپ لايىھەلەپ ياساپ چىققان بىر ئۇستا ئىدى. مىمار سىنان ئۇ جاينى كۆزىتىش جەريانىدا ھەرقانداق قۇشنىڭ دېڭىز دولقۇنىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان تىترىشىدىن ۋە دولقۇنىنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ، ئۇ جايغا قونمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مىمار سىنان مەسچىتنى دەل مۇشۇ جايغا سالسا بولىدىغانلىقىنى بېكىتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ مىمار سىنان 1580-يىلى شەمسى پاشا مەسچىتىنى جەنۇب ۋە شىمالدىن كەلگەن شاماللارنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىغا سالىدۇ. بۇ مەسچىت سېلىنغىلى 430 يىل بولغان بولسىمۇ، مەسچىتكە ھېچقانداق قۇش قونمىغانلىقى ئۈچۈن خەلق ئىچىدە «قۇش قونمايدىغان مەسچىت» دەپ ئاتىلىدۇ.

 بۇ جاي ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ قىرغىقىدا بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا سالقىن، بەزى ۋاقىتتا داۋاملىق شامال چىقىپ تۇرىدىغان، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنلىرى زەرب بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بىر جاي بولۇپ، شەمسى پاشا جامى، يەنى «قۇش قونمايدىغان مەسچىت» مانا مۇشۇ يەرگە سېلىنغان. ئەگەر سىزنىڭمۇ بىر كۈنلەردە يولىڭىز توغرا كېلىپ قالسا، بۇ مەسچىتكە كىرىپ، ناماز ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 289 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق