قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇر كوچىلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەكتە

يېقىندا ئىنستىگرامدا تارقالغان بىر سىندا قازاقىستاندا ياشايدىغان يەرلىك بىر ئۇيغۇر كىشى شۇ يەردە ياشايدىغان خەلقىمىزگە خىتاپ قىلىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى «نۇزۇگۇم»غا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان كوچىلارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە قازاقىستان سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان شۇنچە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ئىمزا توپلاپ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيدىغانلىقىنى، ھەتتا كەلگۈسىدە پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرچە ئوقۇتىدىغان مەكتەپمۇ تاپالماي قېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بارغانسىرى خىتاينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملىرى تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ كەلگەن قازاق خەلقىگە پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىدىمۇ ئىككىلەنمەي قارار چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، سايراگۈل ۋە باشقا قازاق پاناھلانغۇچىلارنىڭ دېلولىرىدا بۇنىڭ ئېنىق ئىپادىسى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1062 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2020 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق