چاقماق خەۋەر

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى مەمتىمىن ئابدۇللا تەكشۈرۈلمەكتە

 قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى مەمتىمىن ئابدۇللا تەكشۈرۈلمەكتە

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 24- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سكرىتارى،  ئىدارە باشلىقى قورچاق ئەمەلدار مەمەتئىمىن ئابدۇللا ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ئاتالمىش شىنجاڭ غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سكرىتارى، ئىدارە باشلىقى مەمەتئىمىن ئابدۇللا ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن، نۆۋەتتە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

مەمتىمىن ئابدۇللا 1967-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1992-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 1987-يىلى 2016-يىلىغىچە، قاراقاش ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى ۋە قاراش ناھىيەسى قاراساي بازىرىنىڭ يېزا باشلىقى، خوتەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خوتەن شەھەرلىك دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى، ناھىيە ھاكىمى، ئاتالمىش شىنجاڭ غەربىي تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى ۋە ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

بۇ خەۋەر 760 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2020 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق