فىرانسىيە جازا لاگېرى مەسىلىسىدە ئاخىرى ئېغىز ئاچتى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىرغان.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى تۈنۈگۈن (چارشەنبە) مۇخبىرلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا گۇناھسىز قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىۋاتقان ئىسپات ۋە ھۆججەتلەرگە ئىنچىكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار منىستىرىمۇ سەيشەنبە كۈنى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى جازا لاگېرلىرىنى يېڭى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن سىرت، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە قايتىدىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان.