چاقماق خەۋەر

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

12-دېكابىر فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر ۋە دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى ئەندۇلۇس بولۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى

بۇ خەۋەر 234 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2019 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق